دۇنياغا داڭلىق مىلياردېر، مەبلەغ سالغۇچى ۋە پۇل-مۇئامىلە ماگناتى جورج سوروس خىتاي ۋە شى جىنپىڭ ھەققىدە توختىلىپ، تۈرلۈك كىرىزىس ۋە زىددىيەتلەر تۈپەيلىدىن، شى جىنپىڭنىڭ ئۈچىنچى قېتىم ۋەزىپىگە ئولتۇرالماسلىقى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جورج سوروس 31-يانۋار سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئەقىل ئامبىرى خۇۋېر ئىنستىتۇتىدا ئېلان قىلغان سىنلىق نۇتقىدا شى جىنپىڭنى خەلقئارادىكى ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەتلەرگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ سۈپەتلىگەن. ئۇ يەنە مۇشۇ ھەپتە خىتايدا باشلىنىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى 1936-يىلى ناتسىستلار دەۋرىدە بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە سېلىشتۇرغان.
120 دىن ئارتۇق دۆلەتتىكى دېموكراتىيەگە مۇناسىۋەتلىك تەشكىلات، گۇرۇپپىلارنى، ئىجتىمائىي فوندلارنى قوللاش، دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىش بىلەن تونۇلغان جورج سوروس 2022-يىلىنى خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنى ئۆزگەرتىش چاقىرىقى بىلەن باشلىغان بولۇپ. ئۇ باياناتىدا شى جىنپىڭنى نىشانغا ئېلىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئورنىنى خەلقىگە زۇلۇم قىلمايدىغان، چەت ئەلگە نىسبەتەن تېخىمۇ تىنچلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىدىغان بىرىنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جورج سوروس سۆزىدە يەنە: «شى جىنپىڭنىڭ خىتاينىڭ بازار ئىقتىسادىنى ئىسلاھ قىلغان دېڭ شياۋپىڭغا ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى، شى جىنپىڭ كوممۇنىزمغا ھەقىقىي ئىشىنىدۇ، ماۋ زېدۇڭ ۋە لېنىننى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مەبۇدىسى دەپ قارايدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنى ماۋزېدۇڭ ۋە دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئورنىغا يەتكۈزۈشنىڭ ئاساسەن مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى، گەرچە ھازىر خىتايدا ھېچكىم شى جىنپىڭغا ئاشكارا قارشى تۇرالمىسىمۇ، ئەمما خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا قاتتىق تىركىشىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جورج سوروسنىڭ قارىشىچە، ئۆي-مۈلۈك ساھەسى شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان خىتاينىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي ماتورى، شۇنداقلا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولۇپ كەلگەن. ھالبۇكى، خىتاي نۆۋەتتە ئۆي-مۈلۈك بازىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن. ئۇندىن باشقا خىتاي نوپۇسىنىڭ تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلىنىشى، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ قايتىدىن خىتايدا باش كۆتۈرۈشى، پارتىيە ئىچىدىكى ھوقۇق كۈرىشى شى جىنپىڭنىڭ زور توسالغۇلىرىغا ئايلانغان.
جورج سوروس بۇلتۇرمۇ ماقالە-ئوبزورلىرىدا پۈتۈن دۇنيانى خىتاينىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرغان، شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنىڭ خىتايغىمۇ تەھدىت ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ