دۇنيا ئىماملار كېڭىشى خىتاينىڭ ساختا خەۋىرىگە كۈچلۈك رەددىيە بەردى

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى يەرشارى ۋاقىت گېزىتى ئالدىنقى ھەپتە دۇنيا ئىماملار كېڭىشىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى باياناتىغا قارشى يالغان مەلۇماتلار بىلەن تولغان بىر خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، دۇنيا ئىماملار كېڭىشى بۇنىڭغا كۈچلۈك رەددىيە قايتۇردى.

خەلقئارالىق ئىسلامىي تەشكىلات «دۇنيا ئىماملار كېڭىشى» بىر ئاي بۇرۇن بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي رېجىمىنىڭ نىشانى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قاتنىشىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى، ھەرقايسى تەشكىلاتلارنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغانىدى.

بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولغان خىتاي رېجىمى ساختا خەۋەر تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئالدىنقى ھەپتە يەرشارى ۋاقىت گېزىتىدە «ئولىمپىكنى بايقۇت قىلغان ئورگان: بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئالدىنىپتۇق» دېگەن ماۋزۇدا ھۇجۇم خاراكتېرلىك بىر خەۋەر ئېلان قىلغان. خىتاي خەۋەردە دۇنيا ئىماملار كېڭىشىنىڭ ئېتىبارىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولۇپ، «دۇنيادا تەسىر كۈچى يوق، يەنە كېلىپ قانۇنسىز بىر ئورگان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن ئىبارىلەرنى قوللانغاندىن سىرت، «ئىراقتا ئىجارە ئالغان 25 كىۋادرات مېتىرلىق كونا ئىشخانىسىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق» دېيىشتىنمۇ يانمىغان.

خىتاي مەزكۇر خەۋىرىدە يەنە ئىراقتىكى «ئەرەب خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقى» دېگەن بىر ئورگاننىڭ بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ۋە مەزكۇر ئاتالمىش خەۋەردىن نەقىل ئېلىپ، بىر مۇخبىرنىڭ دۇنيا ئىماملار كېڭىشىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد باقىر ئەلبۇدارىنى زىيارەت قىلغانلىقى، ئەلبۇدارىنىڭ مەزكۇر باياناتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئېلان قىلغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ قۇرۇلتاي تەرىپىدىن ئالدىنىپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە پۇرسەت بولسا بېرىپ ئولىمپىكقا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

دۇنيا ئىماملار كېڭىشى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ خەۋىرىدىكى ساختىلىقلارنى بىرمۇبىر پاش قىلدى. باياناتتا خىتاينىڭ خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنغان كېڭەش رەئىسى مۇھەممەد باقىر ئەلبۇدارىنىڭ زىيارەت قىلىنغانلىقى ۋە مەزكۇر سۆزلەرنى قىلغانلىقى ھەققىدە مەزمۇنلارنىڭ پۈتۈنلەي ئويدۇرما ئىكەنلىكى، شەيخ ئەلبۇدارىنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ باقمىغانلىقى، شۇنداقلا بىرەر مۇخبىر بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغانلىقى قەيت قىلىنغان. شۇنداقلا خىتاينىڭ خەۋىرىدە بىچارىلەرچە تىلغا ئېلىنغان ئورۇننىڭ ئىماملار كېڭىشىنىڭ مەركىزى ئورنى ئەمەس، بەلكى ئەزالار ئارام ئالىدىغان كىچىك بىر ئىشخانا ئىكەنلىكى، مەيلى مەركىزى ئىشخانىسى بولسۇن، ياكى بۇ ئورۇن بولسۇن، يۇقۇم سەۋەبلىك ھازىرغىچە تاقاق تۇرۇۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ بۇ نۇقتىدىمۇ پۈتۈنلەي ساختىلىق ئىشلەتكەنلىكى ئىلاۋە قىلىندى. باياناتتا يەنە خىتاينىڭ خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش «ئەرەب خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقى»نىڭ ھەقىقىي بىر ئاخبارات ئورگىنى ئەمەسلىكى، بۇ ئورۇننىڭ دۇبەيدىكى داڭلىق «ئەلئەرەبىيە» قانىلىنىڭ (alarabiya.net) نامىنى ۋە لوگوسىنى قانۇنسىز ئىشلىتىۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دۇنيا ئىماملار كېڭىشى باياناتىدا يەنە ئىلگىرىكى باياناتنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەلىپى بويىچە ئېلان قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنىڭمۇ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى، كېڭەشنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشقا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭلاشقا ئۇ باياناتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېلان قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

باياناتتا خىتاي رېجىمىنىڭ بوھتان چاپلاش، قارىلاش ۋاسىتىلىرى بىلەن دۇنيا ئىماملار كېڭىشىنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىپ كەلگەنلەرگە قارشى شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ كەلگەنلىكى، ئىماملار كېڭىشىنىڭ بولسا ئەڭ يېڭى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

دۇنيا ئىماملار كېڭىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆلىمالاردىن تەشكىللەنگەن ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات بولۇپ، نۆۋەتتە 1300دىن ئارتۇق ئەزاسى بار. جۈملىدىن ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدىن دوكتور ئالىمجان بۇغدا بىلەن ئۇستاز تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنمۇ دۇنيا ئىماملار كېڭىشى مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 3863 قېتىم كۆرۈلدى
02/02/2022 12:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق