ئاۋسترالىيە سودا مىنىستىرى ئاۋسترالىيەنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا قوزغىتىلغان خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تالاش-تارتىشى سۆھبىتىگە قوشۇلۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى پەيشەنبە كۈنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتاينىڭ لىتۋانىيەگە قاراتقان كەمسىتىش خاراكتېرلىك سودا قىلمىشى ھەققىدە شىكايەت قىلغان. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى يەككە بازارنىڭ پۈتۈنلىكىگە تەھدىت سالىدىكەن.
لىتۋانىيە تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ لىتۋانىيەدە «تەيۋەن» نامىدا ۋاكالەتخانا ئېچىشىغا يول قويغاندىن كېيىن، خىتاي لىتۋانىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەن ھەمدە دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، لىتۋانىيە بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە مەجبۇرلىغان.
خىتاي يەنە لىتۋانىيە ماللىرىنىڭ خىتاي تاموژنىسىدىن ئۆتۈشىگە چەكلىمە قويغان بولۇپ، لىتۋانىيەنىڭ ئىمپورت تەلىپىنى رەت قىلغان ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى شىركەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ، خىتايغا ئېكسپورت قىلىدىغان سانائەت زەنجىرىدىن لىتۋانىيە ماللىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇندىن باشقا 2018-يىلدىن كېيىن ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىمۇ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، خىتاي مىنىستىر دەرىجىلىك ئالاقىنى توڭلىتىپ، ئاۋسترالىيەنىڭ كۆمۈر، كالا گۆشى، ئارپا قاتارلىق بىر نەچچە خىل مەھسۇلاتىغا تاموژنا بېجى قويغان.
ئاۋسترالىيە ئۆتكەن 18 ئاي ئىچىدە خىتاينىڭ تاموژنا بېجى ھەققىدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئىككى قېتىم ئەرز سۇنغان. مالىيە مىنىستىرى جوش فىرايدېنبېرگ 12-ئايدىكى باياناتىدا ئاۋسترالىيەنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەجبۇرلاش قىلمىشىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئاۋسترالىيە سودا مىنىستىرى دان تېھان بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «ئاۋسترالىيە ياۋروپا-خىتاي تالاش-تارتىشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرگە ھەقىقىي قىزىقىدۇ ھەمدە بۇ مەسلىھەتلەرگە قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېگەن.
ئۇ باياناتىدا يەنە ئاۋسترالىيەنىڭ ئىقتىسادىي مەجبۇرلاش، كەمسىتىش ۋە چەكلەش خاراكتېرىنى ئالغان سودا ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان خەلقئارا سودا سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ