ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قارار ماقۇللىدى

ياپونىيە ئاۋام پالاتاسى بۈگۈن قارار ماقۇللاپ، كىشىدا ھۆكۈمىتىنى خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قارىتا تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان مەزكۇر قاراردا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى تۇتقۇن قىلىش، دىنىي ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ: «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى پەقەت دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى مەسىلىسىلا ئەمەس. چۈنكى كىشىلىك ھوقۇق دۇنياۋى ئورتاق قىممەت قاراش، خەلقئارا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلە» دېيىلگەن.

باياناتتا يەنە پارلامېنتنىڭ خىتايدىكى جىددىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. شۇنداقلا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتە مەلۇمات توپلاپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەشكە، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەزكۇر جىددىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزىتىشكە ۋە ئومۇميۈزلۈك پەسەيتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا چاقىرغان. مەزكۇر قاراردا «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» دېگەن ئىبارىنىڭ ئورنىغا «جىددىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» دېگەن ئىبارە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ قويۇق سودا مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە ھۆكۈمەتنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەندىشىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىكى كونسېرۋاتىپلار بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى باشلىنىشتىن بۇرۇن، مەزكۇر قارارنىڭ رەسمىي ماقۇللىنىشى ئۈچۈن تىرىشماقتىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن بۇ قارارغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ياپونىيە ئەينى ۋاقىتتا باشقا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ، ھەددى-ھېسابسىز جىنايەت ئۆتكۈزدى، ئۆزىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىمۇ يەتكۈچە داغ چۈشكەن. باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئاتىكاچىلىق قىلىش سالاھىيىتى يوق» دەپ بىلجىرلىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 809 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2022 17:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق