خىتاي ئولىمپىك يېقىنلىشىۋاتقان مەزگىلدە ئوخشىمىغان پىكىردىكى كىشىلەرگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر ۋە ئاخبارات خادىملىرى ئارقا-ئارقىدىن بېيجىڭغا كېلىشكە باشلىغان. بۇ مەزگىلدە خىتاي دائىرىلىرى ئۆكتىچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا قارىتا باستۇرۇش ۋە كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئاكادېمىكلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ھەر قانداق نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4-فېۋرال باشلانماقچى بولغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇچىلار خەلقئارالىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قويۇلغان ئەڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە دۇچ كەلگەن. بۇ چەكلىمىلەرنىڭ بىر قىسىمى ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن. ئەمما نۇرغۇن تەنھەرىكەتچىلەر خىتاينىڭ ئوخشىمىغان پىكىر ۋە تەنقىدىي سۆزلىرىگە قارشى تۇتقان مۇئامىلىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي يېقىنقى مەزگىلدىلا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن ئەڭ ئاز بەش كىشىنى تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان. خىتاي بۇ جەرياندا ئۆكتىچى شەخسلەرنىڭ ئۆيلىرىنى تەكشۈرۈپ پاراكەندىچىلىك سالغان ۋە خىتاي رېجىمىنى تەنقىد قىلماسلىق ھەققىدە تەھدىت سالغان.
نۆۋەتتە تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى خەلقئارانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ