قىرغىزىستاندىكى كونا مۇھاجىرلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىدىن بىرى بولغان ياش بوكس ماھىرى مۇھەممەد زاكىروف 28-يانۋار قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتلىك بوكس مۇسابىقىسىدە رەقىبى بەك تېمىر سادىربەكوفنى زور پەرق بىلەن يېڭىپ، چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.
مۇھەممەد زاكىروف بۇ مۇسابىقىدىكى نەتىجىسى بىلەن 25-فېۋرال قاتاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.
15 ياشلىق مۇھەممەد زاكىروف قىرغىزىستاننىڭ جالالئاباد شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، يېشىنىڭ كىچىك بولۇشىغا قارىماي، ئىلگىرىمۇ كۆپلىگەن نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. ئۇ جالالئاباد ئوبلاستى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئالتە قېتىملىق مۇسابىقىدە بىرىنچىلىككە، ئۈچ قېتىم قىرغىزىستان دۆلەتلىك بوكس مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ چېمپىيون بولغان. بۇنىڭدىن سىرت ئۇ يەنە 2021-يىل دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ياشلار بوكس تۈرىدە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن ۋە شۇ يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.
مۇھەممەد زاكىروف قىرغىزىستان ياشلار بوكس كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر