ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايغا جازانى كېڭەيتىشكە چاقىردى

ئۈچ تەشكىلات تۈنۈگۈن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئورۇنلىرىغا قارىتىلغان جازا تىزىملىكىنى كېڭەيتىشكە چاقىردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى، خەلقئارالىق تىبەت ھەرىكىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغان شەخسلەر ۋە ئورۇنلارغا قارىتىلغان جازا تىزىملىكىنى كېڭەيتىشكە چاقىرغان.

باياناتتا ئۈچ تەشكىلات ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىلگىرىكى قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىغان ھەرىكەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى يادرو قىلغان يېڭى ياۋروپا-خىتاي سىياسىتىنىڭ باشلىنىشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا يەنە: «پەقەت تۆت خىتاي ئەمەلدارىنى جازاغا تارتىش يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى بۇ جازا خىتاي رېجىمىنىڭ بارلىق كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىدى» دەپ تەكىتلىگەن. باياناتتا يەنە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن باشقا، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قاتارلىق باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان بارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنغان.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئاندىرىيا گىئورگېتتا بۇ ھەقتە: «ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ تۆت ئەمەلدارىغا تۇنجى قېتىم جازا يۈرگۈزگەندىن كېيىن، بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنى تىزىملىكنى كېڭەيتىپ، ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلغان شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازا تىزىملىكىگە قوشۇشقا چاقىردۇق. خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇنىڭغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىش ئىرادىسىنى داۋاملىق نامايان قىلىشى كېرەك» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر مارت ئېيىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن مىڭگو ۋە شۇنداقلا ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتارلىق ئەمەلدارلارغا ساياھەت چەكلىمىسى ۋە مال-مۈلۈكنى توڭلىتىش جازاسى ئىجرا قىلغانىدى. ئۇندىن باشقا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي قانۇن نازارىتىنىڭ سابىق سېكرېتارى جۇ خەيلۈن ۋە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىمۇ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇلتۇر 12-ئايدا ماقۇللىغان جازانى بۇ يىل 12-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە ئۇزارتىشنى تەستىقلىغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 674 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2022 15:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق