تەيۋەن-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىنلاشتى

يېقىنقى مەزگىللەردە تەيۋەن-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىنلاشقان بولۇپ، تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئىككى كۈندە ئامېرىكىنىڭ ئىككى مۇھىم ئەمەلدارى بىلەن ئۇچراشتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سان-فىرانسىسكوغا بارغان تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې جۈمە چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسى بىلەن سىن يىغىنى ئاچقان. ئۇ ئىككى كۈن جەريانىدا يەنە ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ھارىس بىلەنمۇ كۆرۈشكەن. ئانالىزچىلار ۋەزىيەتتىكى بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

تەيۋەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لەي چىڭدې بىلەن نەنسى پېلوسى ئوتتۇرىسىدىكى سىنلىق ئۇچرىشىش تەخمىنەن يېرىم سائەت «ئىنتايىن دوستانە ۋە ئازادىلىك» ئىچىدە داۋاملاشقان. سۆھبەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بىخەتەرلىك، ئىقتىساد ۋە ئورتاق قىممەت قاراشقا مەركەزلەشكەن. سۆھبەتتە نەنسى پېلوسى تەيۋەننىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا، بولۇپمۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا قاتنىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ تەيۋەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەريانىدىكى ئىپادىسىگە ياخشى باھا بەرگەن. پەيشەنبە كۈنى لەي چىڭدې ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ھارىس بىلەن قىسقىچە سۆھبەتلەشكەن. ئۇ ھوندۇراسنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى كاسترونىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ زىيارەتلىرى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلى تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، تەيۋەن سان تومې ۋە پرىنسىپې، پاناما، دومىنىكا، بۇركىنا فاسو، سالۋادور، سولومون تاقىم ئارىلى، كىرىباتى ۋە نىكاراگۇئا قاتارلىق سەككىز دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى يوقاتقان. لەي چىڭدېنىڭ ھوندۇراس زىيارىتى تەيۋەننىڭ دىپلوماتىك ئىتتىپاقدىشى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى مۇستەھكەملەشنىڭ يېڭى تىرىشچانلىقى دەپ قارالغان.

نۆۋەتتە تەيۋەننىڭ پەقەت 14 دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشكە ئەگىشىپ، خىتاي تەيۋەننىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى نىكاراگۇئا خىتاينىڭ پۇل دىپلوماتىيەسىنىڭ تەسىرىدە تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.

ئۆتكەن بىر-ئىككى يىلدا ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ زور دەرىجىدە يېقىنلىشىشى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ناچار بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولغان. بۇ جەرياندا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، سەھىيە مىنىستىرى، پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم ئەمەلدارلار تەيۋەننى ئارقا-ئارقىدىن زىيارەت قىلىپ، خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 607 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2022 15:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق