شەرقىي تۈركىستاندا ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 32 گە يەتتى

30-يانۋار 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىنىڭ سانى 32 ئىكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 31-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سەھىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى ئەڭ يېڭى  ئېلان قىلغان دوكلاتتا 30-يانۋار  24 سائەت ئىچىدە يېڭىدىن ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بىمار، ھەمدە كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىمۇ بايقالمىغان.

30-يانۋار 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بىمار جەمئىي 15 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قورغاس شەھىرىدە 12، 4-دىۋىزىيەدە ئۈچ نەپەر بار ئىكەن. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 32 بولۇپ، بۇنىڭ 26 سى قورغاس شەھىرىدە، ئالتە نەپىرى 4-دىۋىزىيەدە ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دىئاگنوز قويۇلغان بىمارلار ۋە ئۇلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار قورغاس شەھىرىدىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا يۆتكەپ، ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىشكە باشلىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1266 قېتىم كۆرۈلدى
31/01/2022 16:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق