خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە جىنايىتى ھەققىدە يېڭى دوكلات ئېلان قىلىندى

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 27-يانۋار «مەجبۇرىي تۇغقانلاشتۇرۇش: ئانار چېچىكى ئالدامچىلىقى ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش» سەرلەۋھەلىك دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئاتالمىش «تۇغقان بولۇش» نامىدا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا قانداق سىڭىپ كىرىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

دوكلاتتا ئاشكارىلىشىچە،  دائىرىلەر 2021-يىلى 9-ئايدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر يېزىسىدا «ئانار چېچىكى پىلانى» ناملىق ھەرىكەتنى باشلىغان. بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خىتاي بالىلىرى بىلەن مەجبۇر ئالاقە قىلىشنى يولغا قويغان. بۇ تەشەببۇس شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «بارلىق مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئىتتىپاقلىشىش» ناملىق ئاسسىمىلياتسىيە پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تۈرى بۇ تەشەببۇسقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق قارار چىقىرىش ھوقۇقىنىڭ بولمىغانلىقىدىن ئەنسىرىگەن. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جەم بولۇپ ياشاش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان. خىتاي بالىلىرى بىلەن ئۇيغۇر بالىلىرى ئوتتۇرىسىدا مەجبۇرى يولغا قويغان تاق يۆنىلىشلىك ئالاقە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تىلىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان. ئاتالمىش «ئانار چېچىكى پىلانى»دا خىتاي ئەمەلدارلىرى ھۆكۈمەت بىلەن شەخسىي تۇرمۇشنىڭ چېگراسىغا سەل قارىغان بولۇپ، بۇ تەشەببۇس ئارقىلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى يۇقىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشمەكچى بولغان بولۇپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ كۈچلۈك نازارەت ۋە ئاسسىمىلياتسىيە مۇھىتىدا ياشاشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇ تەشەببۇس تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق شەخسىي تۇرمۇش ساھەسىدىكى ئۆزگىچە ئامىللارنى يوقاتماقچى بولغان. خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇرلاردا ھەر قانداق شەخسىي ساھە ۋە شەخسىي تۇرمۇشنىڭ بولۇشىنى تەھدىت دەپ قارىغان.

دوكلاتنىڭ ئاپتورى دوكتور ئېلىس ئاندېرسوننىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە پىلانى دائىرىسى ئىچىدە كۈندىلىك تۈرمۇشلىرىدا جان تالاشماقتا ئىكەن، ھەتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، ئاخبارات ئورۇنلىرى بۇ نۇقتىغا سەل قارىغان. ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئوبيېكتى قىلىنغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئاساسەن ئائىلىلىرى لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلغان ياكى تۈرمىگە سولانغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەن.

دوكلاتتا، 2017-يىلى خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ كۆلەملىك قولغا ئېلىشقا باشلىغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇ ۋەھشىيلىكنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىي سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكى توغرىسىدىكى پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئۇزاق مۇددەت مەجبۇرىي ئايرىپ، يېتىم-يېسىرلار ياكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئەۋەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلەش ۋە بىلىم ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغان مائارىپ سىستېمىسىدا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

دوكلاتتا يەنە، ئائىلە ئەزالىرى ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئائىلىسىدە خىتاي تىلىنى ئاساسلىق تىل قىلىپ ئىشلىتىش، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ قىممەت-قارىشىغا مەجبۇرلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش مۇھىتىنى يوقىتىش تىرىشچانلىقى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ مەزكۇر ئىجرائاتلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» تىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 776 قېتىم كۆرۈلدى
31/01/2022 16:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق