يېقىندا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى فىلوتىنىڭ ئەڭ يېڭى كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ بىرى بولغان F-35C نىڭ چۈشۈپ كېتىش كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئامېرىكا خىتايدىن بۇرۇن ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى تېپىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا.
ھۆررىيەت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ بىرى بولغان F-35C جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدىكى USS Carl Vinson ئاۋىئاماتكىسىغا قونماقچى بولغاندا چۈشۈپ كەتتى. ۋەقەدە ئۇچقۇچى ۋە پاراخوتتىكى 6 ماتروس يارىلانغان بولۇپ، ئامېرىكا چۈشۈپ كەتكەن كۈرەشچى ئايروپىلاننى تېپىش ئۈچۈن تەپسىلاتى ھېچكىمگە ئاشكارىلانمىغان ھەرىكەت باشلىغانىدى.
دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ سۈرەتلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تۋىتتېردىكى سۈرەتلەردە F-35C نىڭ ئاۋىئاماتكىغا قونماقچى بولغاندا چۈشۈپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلدى.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 7-فىلوتىنىڭ باياناتچىسى باياناتىدا بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆرۈنگەن سۈرەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. قوماندان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى سىن ۋە سۈرەتنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەندە USS Carl Vinson پاراخوتىدا تارتىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
دېڭىز ئارمىيىسى يەنە ۋىنسون پاراخوتىغا بولغان زىياننىڭ پەقەت يۈزەكى بولۇپ، نورمال ھەرىكەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى فىلوتىدىكى ئەڭ يېڭى رېئاكتىپ ئايروپىلان بولغان 100 مىليون دوللارلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كەلگەن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى خىتايدىن بۇرۇن تېپش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا.
تەھلىلچىلەر: جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ 1 مىليون 300 مىڭ كىۋادرات ئىنگلىز مىلىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ دەۋا قىلىدىغان خىتاينىڭ كۈرەشچى ئايروپىلاننى تېپىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە قالدۇقلارنى دېڭىز ئاستىدىن چىقىرىۋېلىشنىڭ مۇرەككەپ ھەرىكەت بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەخپىي كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ئايروپىلان بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى بايان قىلدى.
F-35C كىرىزىسى سەۋەبلىك دۇنيانىڭ كۆزى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا بۇرالغان بىر پەيتتە، پىنسىيەگە چىققان سابىق پولكوۋنىك گۈرسەل توكماكئوغلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە مەزكۇر كىرىزىس ھەققىدە توختالدى ۋە: «ئامېرىكا بۇ خىل قالدۇقلارنى ھېچكىمگە بەرمەيدۇ، F-35 ئەڭ يېڭى تېخنىكىغا ئىگە ۋە ئىنتايىن مۇھىم» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە: «F-35تە سۈنئىي ئىدراك بىلەن ئىشلەيدىغان زاپچاسلار بار، ئايروپىلاننىڭ ئوق-دورىلىرى ئىنتايىن ئالاھىدە بولۇپ، ئۇ ئۇچقۇچىنىڭ ئۇنىڭغا تەگمەي تۇرۇپ كۆزى ۋە قېشى بىلەن كونترول قىلالايدىغان تېخنىكىغا ئىگىدۇر. شۇنداقلا F-35 ئىچىدىكى سىستېمىلارمۇ بارلىق ھاۋا مۇداپىئە ۋە دېڭىز ئارمىيىسى ئىشلىتىدىغان باشقا مۇھىم تېخنىكىلارنىمۇ ئاشكارىلاپ قويۇشى مۇمكىن» دېدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر