فىرانسىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى كېچىكتۈردى

بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان بىر پەيتتە، فىرانسىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايى ھەرىكىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 30-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان بىر پەيتتە، «ئازادلىق گېزىتى» خەۋەر ئېلان قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ باياناتچىسى رىچارد فېرراند 2009-يىلدىكى پارلامېنت بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، فىرانسىيەنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە ئۈندەيدىغان قانۇن لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىش كۈنتەرتىپىنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئەسلىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە كۈنتەرتىپىنى 4-فېۋرال بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كۈنى مۇزاكىرە قىلىش قارار قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيە پارلامېنتى 20-يانۋار 169 ئاۋازنىڭ قوللىشى، بىر ئاۋازنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئەيىبلەيدىغان بىر قارار ماقۇللىغان. بۇ تەكلىپ فىرانسىيەنىڭ ئۆكتىچى سوتسىيالىستلار پارتىيەسى ئوتتۇرىغا قويغان چەكلەش كۈچى بولمىغان قانۇن لايىھە بولۇپ، بۇ لايىھە پىرېزىدېنت ماكرون يېتەكچىلىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

فىرانسىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فرېدېرىك دۇماسنىڭ ئېيتىشىچە، پارلامېنتىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى مۇنازىرە قىلىش پىلانىنى كېچىكتۈرۈشتىكى مەقسىتى سەزگۈر بىر ۋاقىتتا بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىشتىن ساقلىنىش ئىكەن. بۇ ماكرون ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ئاشكارا مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق خىتاينى نارازى قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 659 قېتىم كۆرۈلدى
31/01/2022 13:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق