خىتاي باش ئەلچىسى: تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاش ھەربىي توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چىن گاڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاشنىڭ خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 29-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چىن گاڭ جۈمە كۈنى ئامېرىكا رادىيو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەگەر ئامېرىكا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلسا، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ھەربىي توقۇنۇش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي دېموكراتىك تەيۋەننى خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ دەۋا قىلىۋاتقان بولۇپ، تەيۋەننى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چىن گاڭ ئامېرىكا رادىيو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «تەيۋەن مەسىلىسى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ بومبا» دەپ تەھدىت سالغان.

ئۇ مۇخبىرغا: «ئەگەر ئامېرىكا قۇتراتقان تەيۋەن دائىرىلىرى تەيۋەن مۇستەقىللىقى يولىدا داۋاملىق ماڭىدىغان بولسا، خىتاي بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەت ھەربىي توقۇنۇشقا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ سۆزىگە جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ بىر خىتاي سىياسىتى ۋە ئامېرىكا تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنىدىكى ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا تەيۋەننىڭ يېتەرلىك ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ساقلىشىغا داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەيۋەن خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق قورال كۈچى ئىشلىتىشكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئاقساراي خىتاي ئەلچىسىنىڭ سۆزىگە دەرھال جاۋاب قايتۇرمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، پىروگرامما قويۇلۇشتىن بىر نەچچە سائەت ئىلگىرى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 700 قېتىم كۆرۈلدى
31/01/2022 13:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق