مۇبارەك ئۈچ ئاي مەنىۋىيەتنى بېيىتىش پۇرسىتى

ئىسلام دۇنياسىدا «مۇبارەك ئۈچ ئاي» دەپ ئاتىلىدىغان، رەھمەت، بەرىكەت ئايلىرى بولغان رەجەپ، شەئبان ۋە رامىزان ئايلىرى 2-فېۋرال (چارشەنبە) باشلىنىدىغان بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەنىۋى ئويغىنىش، قەلبىنى پاكلاشنىڭ مۇھىم پۇرسىتىدۇر.

شەرقىي تۈركىستان خەلقى مۇبارەك ئۈچ ئاي ئارقىلىق ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىنى، روھىيىتىنى كۈچەيتىپ، دىنىي ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە قويۇق ئىبادەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە كۈندىلىك ھاياتلىرىغا نەزەر تاشلاپ، مەنىۋىيىتىنى كۈچەيتىپ، داۋام قىلىۋاتقان خىتايغا قارشى كۈرەشلىرىنى تېخىمۇ ئىسلاھ قىلغۇسى، شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشتەك رەزىل مەقسىتىدە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىشىشقا مەجبۇرلايدىغان ئەجەللىك ھەرىكەتلەرگە ئاتلىنىشقا مۇيەسسەر بولغۇسى، ئىنشائاللاھ.

مۇبارەك ئۈچ ئاي بۇ يىلمۇ پۈتكۈل دۇنيانى قورشىۋالغان خىتاي ۋىرۇسنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئاللاھ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەمدە بارلىق ھەق يولدا ماڭغان كىشىلەرنى ۋىرۇس ۋاباسىغا مۇپتىلا بولۇشتىن ساقلىسۇن، شۇنداقلا مۇبارەك ئۈچ ئاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتايدىن قۇتۇلۇپ، تېزرەك مۇستەقىل بولۇشىغا ۋەسىلە بولسۇن، ئىنشائاللاھ.

11 ئاينىڭ سۇلتانى بولغان رامىزاندا مۇسۇلمانلار روزا تۇتۇش، قۇرئان كەرىم ئوقۇش، سەدىقە بېرىش قاتارلىق ئىبادەتلەر ئارقىلىق مەنىۋىيىتىنى كۈچلەندۈرۈپ، ئۆزىدىن ھېساب ئالىدىغانلىقى، بۇلار گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈلۈشىگە ۋەسىلە بولىدىغانلىقى سەۋەبلىك، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇبارەك دۇئالىرىدا رامىزان ئېيىغا يەتكۈزۈشنى ئاللاھتىن سورىغانىدى.

ھۇزۇر ۋە بەرىكەت ئېيى رامىزاننىڭ بۇ يىل 2-ئاپرېل باشلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ئاللاھ بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى، بارلىق مۇسۇلمانلارنى مۇبارەك رامىزانغا يېتىشكە مۇيەسسەر قىلسۇن! مۇبارەك ئاينىڭ بەرىكىتى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ روھىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىدە خەيرلىك يېڭىلىقلار بارلىققا كەلگۈسى، ئىنشائاللاھ.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 720 قېتىم كۆرۈلدى
31/01/2022 09:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق