خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمىغا قارشى ئەنگلىيەنىڭ لوندون ۋە مانچېستېردىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا زور كۆلەملىك نامايىش تەشكىللىگەن، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇر» ھەرىكىتىنىڭ بەرپاچىلىرىدىن بىرى ۋە «21-ئەسىردە ئىسلام» تورىنىڭ مۇھەررىرى دوكتور سالمان بۇت 28-يانۋار ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىدە زىيارەتتە بولدى.
دوكتور سالماننى شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى (ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى) رەئىسى ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق ئەپەندى كۈتۈۋالدى. ئۇچرىشىشتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەندىن سىرت، ئىستىقلالدا قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەر تونۇشتۇرۇلدى، شۇنداقلا ھەمكارلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە قىزغىن سۆھبەت بولدى.
شۇ كۈنى كەچتە يەنە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت ئەمىن قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولغان جامائەت ئەربابى، «ھەممەيلەن ئۈچۈن ئادالەت»، «ئاراكانلىقلارنى قوغداش كۈچى» ۋە «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزايلى» ھەرىكەتلىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، شۇنداقلا «Muslim Networks TV»نىڭ قۇرغۇچىسى ئىمام ئابدۇلمالىك مۇجاھىد بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇرانۇس مېھمانخانىسىدا كۆرۈشتى.
ھەيئەت ئۇچرىشىشتا ئىسلام دۇنياسىدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە ۋە بىرلىكتە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر ھەققىدە سۆھبەتتە بولدى. ئىمام ئابدۇلمالىك مۇجاھىد كەچ بولۇشىغا قارىماي، ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىگە كېلىپ زىيارەتتە بولدى.
ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق ئەپەندى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن بۈگۈنگىچە بېسىپ ئۆتكەن باسقۇچلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، نۆۋەتتە ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ تۆت خىل تىلدا ھەرخىل پىروگراممىلارنى تارقىتىدىغان مۇنتىزىم ئاخبارات ئورگىنىغا ئايلانغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاساسىي نىشان قىلغان مۇستەقىل ئاخبارات ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇندىن كېيىن روياپقا چىقارماقچى بولغان پىلانلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئىمام ئابدۇلمالىك مۇجاھىدمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە غەرب دۇنياسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى قارىتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ بۇ جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ھەمكارلىق ئاساسىدا كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى روياپقا چىقىرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىمام ئابدۇلمالىك مۇجاھىد ھازىرغىچە سەككىز قېتىم «دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە 500 مۇسۇلمان»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان بولۇپ، ئۇزۇندىن بېرى ئامېرىكىدىكى كۈچلۈك تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ۋە بۇنىڭغا قارشى ھەربىر مۇسۇلماننىڭ، ھەربىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر