«ئۇيغۇر كىرىزىسى ھەققىدە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىنكاسى» يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى

ئىسلام دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان «ئۇيغۇر كىرزىسى ھەققىدە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىنكاسى» تېمىسىدىكى بىرلەشمە يىغىن ئىستانبۇلدا باشلاندى.

29-يانۋار ئەتىگەن باشلانغان مەزكۇر يىغىننى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى قاتارلىق تۆت تەشكىلات ھەمكارلىشىپ تەشكىلىگەن بولۇپ، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللامنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى قىلدى. ئارقىدىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى ئورۇندالدى.

يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيار، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، ئۇيغۇر ئاكادېمىيە ۋەقفى رەئىسى دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى، ئىيى پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى بۇرا كاۋۇنجۇ، كېلەچەك پارتىيەسى ۋەكىلى رەجەپ ۋارۇلبەي قاتارلىق ئېچىلىش سۆزى قىلدى.

ئۇلار ئېچىلىش سۆزلىرىدە مەزكۇر يىغىنىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق ئىبادەتلىرىنى چەكلىگەن ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بىر مەزگىلىدە ئېچىلغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى غەرب دۇنياسىدا كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاڭلىماس، كۆرمەس بولۇۋېلىشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بىئارام قىلغانلىقىنى، دەل مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئىسلام دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قانداق كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن بۇ يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى بارلىقىنى، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

يىغىنغا غەرب دۇنياسىدىكى بىر قىسىم ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئىككى كۈنلۈك بىرلەشمە يىغىن 30-يانۋار كەچتە ئاخىرلىشىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1014 قېتىم كۆرۈلدى
29/01/2022 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق