تالىبان ئافغانىستان ھاكىمىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ھېچقانداق دۆلەت تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تالىبانغا قىزغىن دوستلۇق ئىزھار قىلغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 28-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سىنگاپوردىكى راجاراتنام خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى رافېلو پانتۇجى ئامېرىكا ئاۋازىغا بۇ ھەقتە: «خىتاينىڭ تالىبانلارغا بۇنداق ئوچۇق-ئاشكارا يېقىنچىلىق قىلىشنى خالىغانلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئافغانىستاننىڭ نۇرغۇن قوشنىلىرىنىڭ ئالدىدا ماڭدى» دېگەن ۋە تالىبانلارنىڭ بۇ ئايدا بېيجىڭغا يېڭى باش ئەلچى تەيىنلىشىنىڭ تالىباننىڭ خىتايغا مۇھىم شېرىك سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئافغانىستان سابىق ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تالىبان خىتايغا باش ئەلچى تەيىنلىگەندىن كېيىنلا، تىۋىتتېر ھېسابى ئارقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رافېلو پانتۇجى 17-يانۋار خىتاينىڭ تالىبانلارنىڭ يېڭى ئەلچى تەيىنلىشىگە قوشۇلغانلىقىنى، تالىباننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئۈچۈن نامزات كۆرسەتكەنلىكىنى، ئەگەر خىتاي قوشۇلمىغان بولسا، يېڭى ئەلچى تەيىنلەشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق سەھنىلەردە تالىبانلارنىڭ تەرىپىنى ئالغان. 26-يانۋار ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس ئافغانىستاننىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلغاندا، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ جۈن ئامېرىكىنى چەت ئەلدىكى ئافغانىستان مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش قارارىنى بىكار قىلىشقا چاقىرىق قىلغان. ئۇندىن باشقا جاڭ جۈن ئالدىنقى ئايدا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قىلغان سۆزىدە: «بىز ئافغانىستاننىڭ چەت ئەلدىكى مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش قارارىنى بالدۇرراق ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى، يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلىمىز» دېگەن.
ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا تالىبانلار ئافغانىستاننى كونترول قىلغاندىن كېيىنلا، ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئافغانىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ تەخمىنەن توققۇز مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مۈلكىنى توڭلاتقان.
ۋىلسون مەركىزى ئاسىيا ئىشلىرىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مايكېل كۇگېلمان خىتاي بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل دوستلۇقنى خىتاينىڭ تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسى دەپ قارىۋالماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە: «خىتاينىڭ بۇ باسقۇچقا ئۆتۈشىگە ئۇزۇن جەريان كېتىدۇ. ئەگەر باشقا بىر نەچچە دۆلەت ئالدى بىلەن تالىبانلارنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن ئوخشاش ۋاقىتتا ھەرىكەت قىلمىغان تەقدىردە، خىتاينىڭ بۇ قەدەمنى بېسىشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تالىبانلارنى ئافغانىستان ئاياللىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا ۋە سىغدۇرۇشچان ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ تالىبانلارنى قوللىشى ۋە دوستانە مۇئامىلىگە قىلىشتىكى مەقسىتى، شۇنداقلا تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىكەن. ئەگەر خىتاي ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ياخشى دەپ يەكۈن چىقىرالىسىلا، تالىبان سىياسىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوڭقۇر قاتلاملىق مۇناسىۋەت ئورنىتىدىكەن.
گېرمانىيە مارشال فوندى ئاسىيا تۈرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ئاندىرۇ سىمولنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئافغانىستاندا دۇچ كەلگەن مۇھىت يەنىلا سىياسىي خاراكتېرىنى ئالغانلىقىدىن، ھەمدە ئىقتىسادىي جازانىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. گەرچە خىتاي ئافغانىستاننى ئاز بىر قىسىم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي يەنىلا تالىباننىڭ رايوندىكى قوراللىق تەشكىلاتلار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى جەزملەشتۈرەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، تالىباننىڭ ئۇيغۇر قوراللىق تەشكىلاتى بىلەن قانداق پىلانى بارلىقى ھەققىدىكى گۇمانىي سوئال داۋام قىلىدىكەن.
خىتاي بۇندىن ئىلگىرى تالىبان ھۆكۈمىتىدىن ئافغانىستاندىكى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەرىكىتىنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، تالىبان باياناتچىسى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا خىتاينىڭ يەرشارى ۋاقىت گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنىڭ تالىباننىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئافغانىستاندىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتقانىدى. تالىبان باياناتچىسى شاھىن يەرشارى ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرىغا: «مەن دوھا كېلىشىمىدىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئافغانىستاندىن ئايرىلغانلىقىنى بىلىمەن. چۈنكى بىز ئۇلارغا ھېچكىمنىڭ ئافغانىستان زېمىنىدىن پايدىلىنىپ قوشنا دۆلەتلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ئېنىق ئېيتتۇق» دېگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ