ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى

ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى كىرىس سىمىس ۋە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى 27-يانۋار خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا يىغىلىپ نامايىش قىلغان ۋە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» دەپ ئاتاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان.

كىرىس سىمىس ئەپەندى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا سۆز قىلىپ: «ئەلچىخانا تاملىرىنىڭ كەينىدە دۇنيادىكى ئەڭ دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ بىرى بولغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ۋەكىللىرى بار» دېگەن ۋە بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئېزىلگەن خەلققە ۋاكالىتەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

سىمىس ئەپەندى يەنە خىتاي تەرىپىدىن باستۇرۇلۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە خوڭكوڭدا باستۇرۇلغان مۇخبىرلار، دېموكراتچىلارنى قوللايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بېيجىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايغا ياردەم جەمئىيىتى تەشكىللىگەن مەزكۇر نامايىشقا ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن باشقا، يەھۇدىي گۇرۇپپىلىرى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋەكىللىرى قاتناشقان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 870 قېتىم كۆرۈلدى
28/01/2022 13:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق