خىتاي چېگرادىن ئۆتكەن بىر كىشىنى ھىندىستانغا ئۆتكۈزۈپ بەردى

خىتاي ھەربىي قىسىملىرى «چېگرادىن قانۇنسىز كىردى» دەپ دەۋا قىلىنغان بىر ئادەمنى ھىندىستانغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ۋە ھىندىستاننى چېگرادىكى كونترولنى كۈچەيتىشكە چاقىرغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 27-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ غەربىي قىسىم باياناتچىسى لۇڭ جاۋخۇا بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىندا خىتاي چېگرا مۇداپىئە ساقچىلىرىنىڭ تىبەتكە جايلاشقان مېدوگ ناھىيەسىدىكى چارلاش جەريانىدا چېگرادىن «قانۇنسىز كىرگەن» بىر ھىندىستانلىقنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ۋە ھىندىستانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ غەربىي قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى پەيشەنبە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندىستاننى خادىملارنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشكە، چېگرا رايونلىرىنىڭ نورمال تەرتىپىنى ساقلاشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان ئارمىيەسى بىر قېتىم خىتاي تەرەپتىن چېگرا مۇداپىئە قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق ئادەم ئىزدەشكە ياردەملىشىشنى تەلەپ قىلغان. ئىككى تەرەپ چېگرا مۇداپىئە ئۇچرىشىش لىنىيەسى ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ كەلگەن. نۆۋەتتە خىتاي تەرەپ مەزكۇر ھىندىستانلىقنى ھىندىستان تەرەپكە تاپشۇرۇپ بەرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 789 قېتىم كۆرۈلدى
28/01/2022 12:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق