ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاشقا خىزمەت كۆرسەتكەن ئەركىن تۇنىياز رەسمىي رەئىس بولۇپ تەيىنلەندى

سابىق قورچاق ئەمەلدار شۆھرەت زاكىر سىرلىق ھالدا «ئىستېپا بېرىپ» چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»غا مۇۋەققەت رەئىس بولۇپ كېلىۋاتقان ئەركىن تۇنىياز رەسمىي رەئىس بولۇپ سايلاندى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 27-يانۋار ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ رەسمىي رەئىسلىكىگە، تيەن شياڭلى رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن.

59 ياشلىق ئەركىن تۇنىياز ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا خىتايغا سادىق خىزمەت قىلىۋاتقان قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىلگىرى خوتەن ۋىلايەتلىك تەشكىلات بۆلۈمى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېتىدا ئىشلىگەن ۋە 2014-يىلدىن باشلاپ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. ئۇ بۇلتۇر 30-سېنتەبىر شۆھرەت زاكىرنىڭ ئورنىغا مۇۋەققەت رەئىس بولۇپ ئالماشقانىدى.

ئەركىن تۇنىياز 2018-يىلى «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى توغرا تونۇيلى» تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە تەۋە ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن تۈركلەرنىڭ قۇل ۋە قۇلدار مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر كادىرلار ۋە زىيالىيلارنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى» چۈشەنچىسىدە ئېغىپ كەتكەنلىكىنى جار سالغانىدى.

ئۇ مەزكۇر ماقالىسىدە يەنە: «ئۇيغۇرلار تۈركلەر بىلەن ئۇزاق مۇددەت بىر يەردە ياشىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلار تۈرك ئەمەس. ئۇيغۇرلارنى تۈرك مىللىتىگە چېتىش پانتۈركىزمچىلەرنىڭ ۋە بۆلگۈنچىلەرنىڭ تەشۋىقاتى» دەپ بىلجىرلىغان. ئۇ بۇلتۇر يېڭىدىن مۇۋەققەت رەئىسلىككە سايلانغاندىن كېيىن، خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرى ئۇنى تونۇشتۇرغاندا ئۇنىڭ مەزكۇر ماقالىسىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىپ خەۋەر قىلغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1568 قېتىم كۆرۈلدى
28/01/2022 11:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق