شەرقىي تۈركىستاندىكى يېڭى يۇقۇم ئەھۋالى ئېلان قىلىندى

27-يانۋار  24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان يەنە ئىككى بىمار بايقالغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سەھىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى ئەڭ يېڭى  ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئالدىنقى 24 سائەت ئىچىدە يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەلدىن بىرسى، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن بىرسى كۆپەيگەن بولۇپ، ھەممىسى 4-دىۋىزىيەدە ئىكەن.

27-يانۋار سائەت 24 كىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان جەمئىي بىمار 11 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قورغاس شەھىرىدە توققۇزى، 4-دىۋىزىيەدە ئىككىسى بار ئىكەن. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 29 بولۇپ، بۇنىڭ 26 سى قورغاس شەھىرىدە، ئۈچى 4-دىۋىزىيەدە ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار ۋە ئۇلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار قورغاس شەھىرىدىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا يۆتكەپ، ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىشكە باشلىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1351 قېتىم كۆرۈلدى
28/01/2022 11:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق