قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار خىتايپەرەس ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ئالدىنقى كۈنلەردە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىزىستاندا خىتاينىڭ تۈرلۈك تەشۋىقاتلىرى ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلغانلىقى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىدە خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، قىرغىزىستاندىكى بىر تۈركۈم تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى بۇ ھەقتە ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى.

ئالدىنقى ھەپتە قىرغىزىستاندا خىتايلار ۋە بىر قىسىم خىتايپەرەس ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي چاغىنى ۋە ئولىمپىكنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدە سىن ۋە سۈرەتلەر تارقىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغانىدى ۋە بۇ ھەقتە ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىدە مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلىنغانىدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر خىتايپەرەس ئۇيغۇرلارغا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە خىتاينىڭ ۋەھشىيانە زۇلۇملىرى چەكتىن ئاشقان بۈگۈنكىدەك بىر پەيتتە، مەزكۇر خىتايپەرەس ئۇيغۇرلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ھەرقانداق ۋىجدان ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە مۇنۇلار تەكىتلەندى: «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىغا قارىتا سەلبىي چۈشەنچىدە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، تۆۋەندىكىلەرنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى لايىق كۆردۇق. بۇ سىرلىق پائالىيەتكە قاتناشقان بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلارنىڭ تەركىبىدە قىرغىزىستاننىڭ تۇرغۇن ئۇيغۇرلىرىدىن بىرىمۇ يوق ۋە بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار پەقەت بىشكەك شەھىرىدىكى مەدىنە، دوردور-جۇڭخەي بازارلىرىدا ۋەتەندىن چىقىپ تىجارەت قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلاردۇر».

باياناتتا يەنە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تېزرەك ئازادلىققا ئېرىشىپ، خەلقنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشىغا تىلەكداش ئىكەنلىكى، شۇنداقلا بۇ سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرى بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

مەزكۇر باياناتقا قىرغىزىستاندا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە بىر تۈركۈم جامائەت ئەربابلىرىدىن بولۇپ، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ 20 گە يېقىن ۋەكىلى ئىمزا قويغان.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 933 قېتىم كۆرۈلدى
27/01/2022 16:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق