قىرغىنچىلىق مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى: ئولىمپىك ئۆتكۈزگۈچى دۆلەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ

ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى قىرغىنچىلىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە: «قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقان بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ» دەپ، خىتاينىڭ جىنايىتىنى تەنقىد قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋاشىنگتونغا جايلاشقان داۋىد ۋايمان قىرغىنچىلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى رافائىل مېدوف ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ: «رېئاللىق شۇكى، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە خىتاي كوممۇنىستلىرى ساھىبخانلىق قىلىۋاتىدۇ، خىتايدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقى بىر رېئاللىق. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى قوللىغۇچى شىركەتلەر خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى قوللىغۇچىلارغا ئايلاندى» دېگەن.

27-يانۋار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن قىرغىنچىلىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش كۈنى بولۇپ، ناتسىست گېرمانىيەسى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغان ئالتە مىليون يەھۇدىي ۋە باشقا مىليونلىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار خاتىرىلىنىپ كەلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس 25-يانۋار نىيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن «قىرغىنچىلىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش مۇراسىمى»دا سۆز قىلىپ: «قىرغىنچىلىق تارىخى ھەرگىز ئۇنتۇلماسلىقى، قايتا تەكرارلانماسلىقى كېرەك» دېگەن.

رافائىل مېدوف مۇراسىمدا سۆز قىلىپ: «بۈگۈنكى كۈندە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەل خىتايدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى. بۇ خەلقئارا جەمئىيەت جىددىي دىققەت قىلىشقا ۋە ئارىلىشىشقا تېگىشلىك ئىش. چۈنكى 27-يانۋار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەر قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەپ، كەلگۈسىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىدۇ. ئەمما بۇ يىللىق ئەڭ مۇھىم خەلقئارالىق يىغىلىشلارنىڭ بىرىنى ئۆتكۈزىدىغان دۆلەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ» دېگەن.

رافائىل مېدوفنىڭ ئېيتىشىچە، 86 يىل ئىلگىرى گىتلېر ناتسىستلىرىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش مۇددىئاسى بىلەن خىتاي رېجىمىنىڭ بۈگۈنكى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش مۇددىئاسى ئوخشاش ئىكەن. 1936-يىلى ناتسىستلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۇلارنىڭ گېرمانىيەدىكى يەھۇدىيلارغا قاراتقان دەھشەتلىك باستۇرۇشىنى يوشۇرۇشنىڭ قورالى ئىكەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ خىتاي ئولىمپىكنى ئۆزىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېتىراپ قىلغۇزۇش پۇرسىتى دەپ قارايدىكەن ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت-نەزىرىنى ئۆزىنىڭ بىگۇناھ مىللەتلەرگە قاراتقان زىيانكەشلىك قىلمىشلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇشنى ئويلايدىكەن.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سىكوت دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلغان ۋەھشىيلىكىنى ئاشكارىلاشقا ۋە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارشى تۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىدىن مۇستافا ئاقسۇ خىتاينىڭ مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قانۇنىي تەرتىپسىز قولغا ئالغانلىقىنى، كەم دېگەندە 800 مىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ، ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى قايتا كۆرەلمەسلىكى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە: «خىتاي مېنىڭ ئائىلەمدىكى كىشىلەرنى قاتتىق نازارەت قىلىۋاتىدۇ، پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتىدۇ. مېنىڭ ساۋاقداشلىرىم، ئوقۇتقۇچىلىرىم ۋە قولۇم-قوشنىلىرىمنىڭ ھېچقايسىسى يوق، ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھاياتمۇ، ئەمەسمۇ بىلمەيمەن» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2005-يىلى ب د ت ئومۇمىي مەجلىسى قارار ماقۇللاپ، ھەر يىلى 27-يانۋارنى «قىرغىنچىلىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن. بۇ ھەقتىكى قاراردا: «بۇ كۈننى خاتىرىلەشتىكى مەقسەت كەلگۈسىدە قەيەردە يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شەخسلەر ياكى دىنىي گۇرۇپپىلارغا قارىتىلغان سىغدۇرماسلىق، قۇتراتقۇلۇق قىلىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش ياكى زوراۋانلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى قەتئىي ئەيىبلەش كېرەك» دەپ بېكىتىلگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 909 قېتىم كۆرۈلدى
27/01/2022 14:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق