ما شىڭرۈي كەلگۈسى پىلانىغا ئالاقىدار سىياسىي قارارلارنى ماقۇللىدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنى 22-يانۋاردىن 25-يانۋارغىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدىكى بىر قىسىم سىياسىي قارارلار ماقۇللانغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي مەزكۇر يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى، قورچاق ئەمەلدار نۇرلان ئەبىلمەجىننىڭ سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى تەستىقلىغان.

مەزكۇر سىياسىي قاراردا خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردا كۆپلەپ تەكىتلەپ، تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇش» دېگەن ئىبارىلەر قايتا تەكىتلىگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەن.

خىتاي 2017-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان بەش يىل جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاندا  ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئۆتكەن بەش يىل ئىچىدە سەككىز مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرىغا قامىغاندىن سىرت، خەلقنى خىتايلاشتۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، جۈملىدىن ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى كۈچەپ ئىجرا قىلغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت چېقىۋېتىلگەن ياكى بۇزۇۋېتىلگەن، نەچچە مىڭلىغان زىيالىيلار، دىنىي زاتلار ئۆلتۈرۈلگەن ياكى تۈرمىگە تاشلانغان.

بۇندىن ئىلگىرى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش پىلانىدىن ئالدىراپ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، ما شىڭرۈينى ئالماشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭمۇ ئاستا خاراكتېرلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق باسقۇچىغا ئۆتۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىي قارارلىرى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى پەرەزلىرىنى ئىسپاتلىماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1469 قېتىم كۆرۈلدى
27/01/2022 13:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق