خىتاي خاككېرلىرى گېرمانىيە دورا شىركەتلىرىنى نىشانلىدى

ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاش قىلمىشى سەۋەبلىك ئەيىبلەشلەرگە ۋە تۈرلۈك جازالارغا ئۇچرىغان خىتاي رېجىمىنىڭ يەنە خاككېرلار گۇرۇپپىسىنى ئىشقا سېلىپ، گېرمانىيەنىڭ دورا شىركەتلىرىنى نىشانلىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئىشخانىسى 26-يانۋار ئۇزۇندىن بۇيان غەرب ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى نىشانلىغان، دەپ گۇمان قىلىنغان خىتاي خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ گېرمانىيەنىڭ دورا، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى شىركەتلىرىنى نىشانلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئىشخانىسىنىڭ شىركەت-كارخانىلارغا قارىتا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر خىتاي خاككېرلىرى سودا مەخپىيەتلىكى ۋە ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىغاندىن باشقا، خېرىدارلار ۋە مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنىڭ تورىغا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئورگىنىنىڭ 2019-يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى قوغداش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر خاككېرلار گۇرۇپپىسى قىسقارتىلىپ «APT 27» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار چەت ئەل ئەلچىخانىلىرى ۋە مۇھىم ساھەلەرنى نىشانلاپ كەلگەن.

بۇلتۇر ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى خىتاينى دۇنيا خاراكتېرلىك جاسۇسلۇق ھەرىكىتى تەشكىللەش بىلەن ئەيىبلىگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 695 قېتىم كۆرۈلدى
27/01/2022 11:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق