خىتاي: ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئورتاق گەۋدە قۇرۇشنى خالايمىز

خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن سىنلىق يىغىن ئۆتكۈزدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ 25-يانۋار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستاندىن ئىبارەت بەش دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتلىرى بىلەن سىنلىق يىغىن ئاچقان بولۇپ، يىغىندا شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، ئاتالمىش «تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» قۇرۇپ چىقىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يىغىندا سۆز قىلغان شى جىنپىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشى، خىتاينىڭ كەلگۈسىدە قانچىلىك تەرەققىي قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ «ئىشەنچلىك ياخشى قوشنىسى، ياخشى ھەمراھى، ياخشى دوستى» ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالغان.

بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى خىتاينىڭ بۇ يىللىق ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان تۇنجى چوڭ دىپلوماتىك ھەرىكىتى ھەمدە خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى ئىكەن.

شى جىنپىڭ يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا، دورا ۋە باشقا تېببىي بۇيۇملار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ چوڭ بازىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن ئېچىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بېرى «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنىڭ مۇھىم تۈگۈنلىرى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، شۇنىڭغا ماس ھالدا بۇ دۆلەتلەردىكى يۇمشاق كۈچىنىمۇ زورايتماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 722 قېتىم كۆرۈلدى
27/01/2022 11:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق