تارىم ئويمانلىقىدا زور مىقداردا نېفىت-تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتىۋاتقان بىر پەيتتە، تارىم ئويمانلىقىدا يەنە يېڭىدىن 100 مىليون توننا دەرىجىلىك نېفىت-گاز رايونى بايقالدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 26-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى تارىم ئويمانلىقىدا 100 مىليون توننا دەرىجىلىك نېفىت-گاز رايونى يېڭىدىن بايقالغانلىقىنى، مەزكۇر تەبىئىي بايلىق زاپىسىنىڭ 88 مىليون توننا ئۇيۇغان نېفىت، 290 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، رايوندىكى نېفىت، تەبىئىي گاز چارلاش-ئېچىش سالمىقىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرغان. بۇ قېتىمقى يېڭىدىن بايقالغان زور مىقداردىكى نېفىت-تەبىئىي گازنىڭ خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە شۇنداقلا كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتتە قاتتىق بېسىم ۋە ئېمبارگوغا دۇچ كەلگەن. بۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ چەت ئەلدىن ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئېھتىياجىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئارقىلىق قامداشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

خىتاي سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئىمپورت قىلىش جەھەتتە دۇنيا بويىچە ياپونىيەدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. خىتاينىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى خىتاينىڭ تەبىئىي گاز ئىمپورت مىقدارى 101 مىليون 661 مىڭ توننىغا يېتىپ، تۇنجى قېتىم 100 مىليون توننىدىن ئاشقان. شۇنداقلا 2019-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئىمپورت نىسبىتى % 5.3 ئاشقان بولۇپ، ئومۇمىي ئىمپورت مىقدارى 231 مىليارد 490 مىليون يۈەنگە يەتكەن. خىتاي 24 دۆلەتتىن سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئىمپورت قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاۋسترالىيە سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئىمپورت قىلىدىغان ئەڭ چوڭ مەنبەسى ئىكەن. ئاۋسترالىيەنىڭ تەبىئىي گاز يىللىق ئېكسپورتىنىڭ %46ى خىتايغا يەتكۈزۈلىدىكەن. قاتارمۇ خىتاينىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئىمپورتىنىڭ ئىككىنچى چوڭ مەنبەسى بولۇپ، خىتايغا قىلغان ئېكسپورت مىقدارى 8 مىليون توننىدىن ئاشىدىكەن. مالايشىيا ۋە ھىندونېزىيەنىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالتە مىليون ۋە بەش مىليون توننىدىن ئاشىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1366 قېتىم كۆرۈلدى
27/01/2022 10:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق