ئالدىنقى ھەپتە قىرغىزىستاندا خىتايلار ۋە بىر قىسىم خىتايپەرەس ماڭقۇرت ئۇيغۇرلار خىتاي چاغىنى ۋە ئولىمپىكنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتكە ئائىت بىر قىسىم رەسىم ۋە سىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغانىدى.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان، خەلقئارادا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرى يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر پەيتتە، مەزكۇر سىندا كۆرسىتىلگىنىدەك، ئەركىن دۇنيادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بايرىمىنى كۈتۈۋېلىشى، خىتاينىڭ بايرىقىنى، «بېيجىڭ ئولىمپىكىنى قىزغىن كۈتۈۋالايلى» دېگەندەك شوئارلارنى كۆتۈرۈشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى ۋە ھەرخىل ئۇسۇلدا لەنەت ئوقۇشتى.
يېڭىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ماڭقۇرتلاشقان ئۇيغۇرلار ۋەتەندىن چىقىپ قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى دوردۇي بازىرىدا تىجارەت قىلىۋاتقانلاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ نومۇسسىز قىلمىشىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەسلىكى، بەلكى ئىلگىرى خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغان مەزگىلدىمۇ، خىتاي رېجىمىغا قولچوماقچىلىق قىلىپ، قىرغىزىستاندا ماسكا توپلاپ خىتايغا ياردەم قىلىش ھەرىكىتىگە باشچىلىق قىلغانلاردىن ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
مەزكۇر ئۇيغۇرلار ھازىرغا قەدەر قىرغىزىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى ناچار ئوبرازىنى ئوڭشاش ئۈچۈن تەشكىللىگەن تۈرلۈك تەشۋىقات، ياردەم پائالىيەتلىرىگە نومۇسسىزلارچە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، خىتايغا يانتاياق بولۇپ كەلگەن.
گەرچە بۇندىن بۇرۇن مۇھاجىرەتتە ياشاپمۇ مىللىي، دىنىي كىملىكىدىن ياتلاشقان، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار مەلۇم سالماقنى ئىگىلىسىمۇ، ئەمما خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان نۆۋەتتىكىدەك ئېغىر ۋە پاجىئەلىك بىر ۋەزىيەتتە ھەرقايسى دۆلەتلەردە پات-پات ئاشكارىلىنىپ تۇرىدىغان بۇ تۈردىكى ماڭقۇرتلاشقان خىتايپەرەس ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەلدە پاراۋان تۇرمۇشتا ياشاپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا خىتايغا يانتاياق بولۇپ سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىشى «ۋەتەنگە ۋە مىللەتكە قىلىنغان كەچۈرگۈسىز خىيانەت» دەپ قارالماقتا ۋە لەنەت ئوقۇلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر