تۈركىيەنىڭ ئادانا ۋىلايىتىگە كېلىپ مەرمەر تاش كانى ئاچقان خىتايلار تۈرك شېرىكلىرىنىڭ 10 مىليون دوللار پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغاندىن كېيىن غايىب بولغان.
يېڭى ئاكىت تورىنىڭ 25-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 2007-يىلى سودىگەر مۇئاممەر باشارىر ۋە ئۇنىڭ شېرىكى فاتىھ توكەر ئادانانىڭ كوزەن ناھىيەسىدە لىن جىجيەن ۋە سۈن جۇڭكەي ئىسىملىك خىتاي سودىگەرلەر بىلەن شېرىكلىشىپ، مەرمەر تاش قېزىش ئۈچۈن ئالتە مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، «Laite Turk Maden» ناملىق شىركەتنى قۇرغان. بۇ شىركەت ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاكالەتچىسى گو چۈەنۋېينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى بىلەن ئىش باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، باشارىر بىلەن توكەر ئالتە مىليون دوللارلىق مەبلەغنىڭ ئۆزلىرىگە تېگىشلىك ئۈلۈشىنى تۆلىگەن، ئەمما ئۇلارنىڭ خىتاي شېرىكلىرى تېگىشلىك مەبلەغ پۇلنى تۆلىمىگەن. 2009-يىلىغا كەلگەندە لىن جىجيەن بىلەن سۈن جۇڭكەي ھۆججەت ۋە تاموژنا رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەشنى باھانە قىلىپ، بىر ئايلىق مۇددەت بىلەن خىتايغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ غايىب بولغان. كېيىن شىركەتنىڭ قەرزى كۆپىيىپ كەتكەن. باشارىر بىلەن توكەر خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىشقا، مال-مۈلۈكلىرىنى سېتىش ئارقىلىق بىر قىسىم قەرزلىرىنى تۆلەشكە مەجبۇر بولغان. قېزىلغان مەرمەر تاشلارنى پەقەت توختامغا ئاساسەن خىتايدىلا ساتقىلى بولىدىغانلىقى سەۋەبلىك، شىركەتنىڭ قەرزى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىشكە باشلىغان.
كېيىن باشارىر خىتايغا بېرىپ، ئىككى خىتاي سودىگەرنى ئىزدەشكە باشلىغان. ئاخىرىدا خىتاي شېرىكلىرىنى تاپقان باشارىر «بىز بۇ يەردىكى ئىشلىرىمىزنى ھەل قىلىپ بولغاندىن كېيىن بارىمىز. بىزمۇ بۇ يەردە قىيىن ئەھۋالدا قالدۇق» دېگەن جاۋابنى ئالغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن. قەرزنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىشى سەۋەبىدىن، باشارىر بۇ قېتىم ئوغلى سەردال باشارىرغا تەۋە بېتون شىركىتىنى سېتىپ، قەرزنى تۆلىمەكچى بولغان. قەرزنىڭ كۆپىيىشى نەتىجىسىدە، باشارىر نۇرغۇن مال-مۈلۈكلىرىدىن ئايرىلغان. ئوغلى سەردال باشارىرمۇ چۈشكۈنلىشىپ، 2018-يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.
ئاخىردا خىتاي شېرىكلىرىدىن خەۋەر ئالالمىغان باشارىر خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسىغا ئېلخەت ئەۋەتىپ، مەزكۇر خىتايلار تەرىپىدىن ئالدانغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. خىتاي ئەلچىخانىسى بولسا تۈرك سودىگەرلىرى شىكايەت قىلغان ئادەم ياكى شىركەتنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ جاۋاب قايتۇرغان.
بارلىق مال-مۈلۈكى ۋە ئوغلىدىن ئايرىلغان مۇئاممەر باشارىر بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ئەھۋاللارنى مۇخبىرغا ئاشكارىلاپ: «خىتاي شېرىكلىرىمنى ئىزدەپ خىتايغا بارغاندا، ئۇلار ماڭا بىر مىليون دوللار بېرەيلى، دېلودىن ۋاز كەچكىن، دېدى. مەن ۋاز كەچمەيمەن. قەرز بىر مىليون دوللار ئەمەس، دېدىم. ئوغلۇممۇ خىتايلار سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. بارلىق پۇلىمىز تۈگىدى. مەن ھېچكىمدىن پۇل تەلەپ قىلمايمەن. ئەمما بۇ خىتايلارنىڭ تېپىلىشنى ۋە جازالىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇلار خىتايدىن كېلىپ، بىزنى ئالداپ قېچىپ كەتتى» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، باشارىر ۋە ئۇنىڭ شېرىكى خىتاي بىلەن شېرىكلىشىپ تارتقان زىيىنى ئۆسۈم بىلەن قوشۇلۇپ ئون مىليون دوللارغا يەتكەن. ئىككى تەرەپ كېلىشكەن توختامغا ئاساسەن، كاندىن قېزىلغان مەرمەر تاشنىڭ ھەممىسى خىتايدا سېتىلماقچى بولغان بولۇپ، تۈركىيەدە ساتالمايدىكەن ھەم ئىشلىتەلمەيدىكەن. نۆۋەتتە قەرز سەۋەبىدىن دۆلەت مەرمەر تاش كېنىنى ئاللىقاچان مۇسادىرە قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ