ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى 24-يانۋار «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى يولغا قويۇش مەسىلىسىدە جامائەت پىكىرى يىغىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ۋاسىتە ئارقىلىق خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشنى ئۈنۈملۈك چەكلىمەكچى بولغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى مايوركاس: «بايدېن-خارىس ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتىنى يوقىتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمىي سۈپىتىدە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن مۇھىم بىر قەدەم تاشلىدۇق» دېگەن.
ئۇ يەنە ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ ھەر كۈنى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا تەمىنلەش زەنجىرىگە كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا خەلقئارادا يېتەكچىلىك رول ئويناۋاتقان، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا ئەمگەك ئۆلچىمىنى قوغداشنى نىشان قىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك تەكشۈرگۈچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
پىرېزىدېنت بايدېن 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»غا رەسمىي ئىمزا قويۇپ تەستىقلىغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇننىڭ پىرېزىدېنت ئىمزا قويۇپ 180 كۈندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. يېڭى قانۇندا ھەر قايسى شىركەتلەر ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالمىغانلىقىنى ئېنىق ۋە قايىل قىلارلىق پاكىت بىلەن تەمىنلىيەلمىگەن تەقدىردە، شەرقىي تۈركىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان بارلىق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى پۈتۈنلەي چەكلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.
دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى 24-يانۋار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلغان بولۇپ، 45 كۈن ئىچىدە جامائەت پىكىرى يىغىلىدىكەن. دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاممىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئوچۇق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى تەشكىللەش ئارقىلىق، ئىجرا قىلىش ئىستراتېگىيەسى تۈزۈپ چىقىدىكەن. دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئىمپورت قىلغۇچى سودىگەرلەرگە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك يېتەكچى پىرىنسىپ ئېلان قىلىدىكەن.
پارلامېنتتا ئىككى پارتىيەنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشكەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن بىردەك ماقۇللانغان. ئاخىرىدا پىرېزىدېنت بايدېننىڭ تەستىقلىشى بىلەن رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان.
تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، يېڭى قانۇن دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن ھەمدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي سۈركىلىشنى مەلۇم دەرىجىدە ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. ئەمما كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قانۇننى ئىجرا قىلىش كۈچىگە باغلىق ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ