مۇھاجىرەتتىكى بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايپەرەسلىكى نارازىلىق قوزغىدى

ئالدىنقى ھەپتە قىرغىزىستاندا خىتاي چاغىنى ۋە ئولىمپىكنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتكە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.

بۇ ھەقتە تارقالغان سىندا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان خىتايلار ۋە ئۇيغۇرلار قوللىرىدا خىتاي بايرىقىنى ۋە «چاغان ۋە ئولىمپىكنى كۈتۈۋالايلى»، «خىتاي-قىرغىزىستان دوستلۇقى مەڭگۈ ياشىسۇن» دەپ يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋالغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ۋەھشىي باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈش قىلمىشلىرى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان، خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتتىن كەلگەن بېسىمغا قارشى ۋاسىتە تاللىماي يالغان تەشۋىقات قىلىۋاتقان، زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئېغىر ۋەزىيەت ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلاپ، جىنايى قىلمىشلىرىدىن تېنىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئەركىن دۇنيادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، خىتاي بايرىمىنى كۈتۈۋېلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ خەلقئارادا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرى يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر پەيتتە، بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، «بېيجىڭ ئولىمپىكىنى قىزغىن كۈتۈۋالايلى» دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈشى مۇھاجرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنى قاتتىق بىئارام قىلدى.

غەزەپلەنگەن ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شەرقىي تۈركىستاندا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قىرغىن قىلىۋاتقان خىتاينىڭ بايرىقىنى كۆتۈرگەن بۇ ئۇيغۇرلارغا ھەرخىل ئۇسۇلدا لەنەت ئوقۇشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس بولۇپ، بۇلار بۇندىن ئىلگىرىمۇ قىرغىزىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى ناچار ئوبرازىنى ئوڭشاش ئۈچۈن تەشكىللىگەن تۈرلۈك تەشۋىقات، ياردەم پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، خىتايغا يانتاياق بولغان.

گەرچە بۇندىن بۇرۇن مۇھاجىرەتتە ياشاپمۇ ئۆزىنى خىتاي پۇقراسى دەپ تونۇپ كەلگەن، مىللىي، دىنىي كىملىكىدىن ياتلاشقان، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار مەلۇم سالماقنى ئىگىلىسىمۇ، ئەمما خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيلىقىنى يوقاتقان ھالدا، خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى مۇھاجىرەتتىكى ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر، دىيانەتلىك ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 904 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2022 14:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق