شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلار كۆپەيدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى ۋىلايىتىدە 24 سائەت ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 20 دىن ئارتۇق بىمار بايقالغان.

سىنا تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سەھىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى ئەڭ يېڭى  ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئالدىنقى 24 سائەت ئىچىدە يېڭىدىن ئالتە كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇندىن باشقا يەنە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 16 يۇقۇملانغۇچى بايقالغان بولۇپ، مەزكۇر بىمارلارنىڭ ھەممىسى ئىلى ۋىلايىتى قورغاس شەھىرىدە ئىكەن.

24-يانۋارغىچە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە جەمئىي ئالتە يۇقۇملانغۇچى بىمار، 18 كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىمار بايقالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قورغاس شەھىرىدە ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار قورغاس شەھىرىدىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا يۆتكەپ ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىشكە، بىمار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىشكە باشلىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1402 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2022 11:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق