ما شىڭرۈي «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش»تا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى

خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا يېڭىدىن تەيىنلىگەن باش ئەمەلدارى ما شىڭرۈي 22-يانۋار ئېچىلغان بىرلەشمە مۇزاكىرە يىغىنىدا «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسى، دىن ساھەسى مەسىلىسى» ھەققىدە ئېچىلغان مۇزاكىرە يىغىنىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر خىل دىنىي چەكلىمە ۋە ئىسلام دىنىغا قارشى تېررور سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە بېشارەت بېرىپ: «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ جار سالغان.

يىغىنغا قورچاق ئەمەلدارلاردىن زۇمرەت ئوبۇل، قادېن كەبىن، مۇتەللىپ ئوبۇل، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا سۆز قىلغان ما شىڭرۈي: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى دۆلەت بىرلىكىنىڭ ئۇلى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى، مەنىۋى كۈچنىڭ جېنى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىننى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشقان دىنغا ئايلاندۇرۇش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي رېجىمى ئالدىنقى بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، جۈملىدىن چېن چۈەنگو دەۋرىدە شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر تېررور سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان بولۇپ، ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. بۇ جەرياندا سەككىز مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرىغا قامىغاندىن سىرت، خەلقنى خىتايلاشتۇرۇش، جۈملىدىن ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى كۈچەپ ئىجرا قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى، نەچچە مىڭلىغان دىنىي زاتلار، ئۆلىمالار ئۆلتۈرۈلدى ياكى تۈرمىگە تاشلاندى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» قاتارلىق ناملار بىلەن، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى پەردازلاشقا، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، يېقىندا باش ئەمەلدارىنى ئالماشتۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللانغان بولسىمۇ، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك بېسىملارغا قارىماي، شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1325 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2022 11:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق