رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيەسى بۈگۈن ئەرەب دېڭىزى تەۋەلىكىدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيەسى بۈگۈن ئەرەب دېڭىزىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇلانغان پاراخوتنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق مانېۋىرلار ئىجرا قىلىنغان. مانېۋىردا «ئۈرۈمچى» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتمۇ ئىشلىتىلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي يېقىندىن مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىسى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتتىن كېلىۋاتقان بېسىمغا قارشى، رۇسىيە بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاي، رۇسىيە، ئىران بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ھىندى ئوكياندا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ