ئىستانبۇلدا بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قارشى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە ئەزا تەشكىلاتى بولغان شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، ئىستانبۇلنىڭ ئاتاكۆي رايونىغا جايلاشقان ئولىمپىك مەركىزى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە 300 گە يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلدى. قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىغا قارشى تۇرايلى!»، «بېيجىڭ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلايلى» دەپ يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن خەلق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن!»، «تۈركىيە قېرىندىشىڭغا ئىگە بول!» دېگەن شوئارلارنى توۋلاشتى. پائالىيەتنى ياپونىيەنىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات ئورگىنى NHK، ئەلجەزىرە قاتارلىق خەلقئارالىق تاراتقۇلارمۇ خەۋەر قىلدى.

ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاھىر كۆكبايراق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى تۈركچە بايانات ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ باياناتتا خىتاينىڭ 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا بېسىپ كىرگەندىن بۇيان، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى خەلقئارادا بىر نەچچە دۆلەت ۋە نەچچە ئونلىغان تەشكىلاتلارنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، مەزكۇر دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى سەۋەبلىك يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ سەپكە قوشۇلۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشىغا چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام ئەرەبچە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە ئىسلام دىنغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇردى ۋە ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىنى، شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىنى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، قېرىنداشلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا، ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى كونيا ۋەكىلى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئىنگلىزچە بايانات ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ باياناتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى سەۋەبلىك، بىر قانچە دۆلەت خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلغان بىر پەيتتە، بارلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ سەپكە قوشۇلۇپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى خەلقئارالىق چاقىرىقلار داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارالىق ئولىمپىك كومىتېتىغا قارىتىلغان تەنقىدلەرمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1118 قېتىم كۆرۈلدى
24/01/2022 15:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق