سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى ئۇيغۇر ئىلىم مەدەنىيەت ۋەقفى زالىدا 2021-يىلى ئاخىرقى مەۋسۇملۇق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
مۇراسىم قۇرئان تىلاۋىتى ۋە ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئالدى بىلەن سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ مەسئۇلى سەيپۇللاھ ئەزىزى 2021-يىللىق تەلىم-تەربىيە ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بەردى.
مۇراسىمدا ھەرقايسى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق خىلمۇخىل نومۇرلار كۆرسىتىلگەن بولۇپ، مۇراسىم كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇردى. بولۇپمۇ روبوت سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياسىغان ئەسەرلىرى ئىشتىراك قىلغۇچىلارنى ھەيران قالدۇردى ۋە سۆيۈندۈردى.
ئاخىرىدا ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئالدىنقى مەۋسۇمنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتلاندى.
سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك تەربىيەلىنىشى، ھۆكۈمەت مەكتىپىدىكى دەرس نەتىجىلىرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، ئانا تىلنى پۇختا ئىگىلەش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتىكى زامانىۋى ئىلىملەر بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرۇشى ئۈچۈن ئۆزگىچە ئوقۇ-ئوقۇتۇش مېتودىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۈنۈملۈك يېتەكلەپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ