تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىغا يېڭى تىپتىكى تانكا ئاتار «قاپلان» سەپلەندى

تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مىنىستىرى ئىسمائىل دەمىر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئۇچۇر يوللاپ، قورال توشۇغۇچى ئاپتوموبىللارنىڭ تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىغا يەتكۈزۈشىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سىتار تورىنىڭ 22-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مىنىستىرى ئىسمائىل دەمىر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا بىر پارچە سىن بەھرىلىگەن ۋە سىننى چۈشەندۈرگەن يازمىسىدا، تۈركىيەنىڭ ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى)  «قاپلان» سەپلەنگەن «STA» قورال توشۇغۇچى ئاپتوموبىلنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قوراللارنىڭ ئۇرۇش مەيداندىكى ئەسكەرلەرنىڭ كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇ ئۇچۇردا يەنە: دۆلەت ئىچىدە تەتقىق قىلىپ ياسالغان تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا «قاپلان» سەپلەنگەن «STA» قورال توشۇغۇچى ئاپتوموبىلدىن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانلىق ئورگىنىغا تاپشۇرۇلدى، دەپ يازغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېڭى ئەۋلاد تانكا ئاتار «قاپلان»نىڭ سانى 26 گە يەتكەن بولۇپ، بۇ يېڭى قورال تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئوت كۈچىنى ئاشۇرىدىكەن. ئۇندىن باشقا تۈركىيە ئۆزى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان ئوتتۇرا مۇساپىلىك تانكىغا قارشى قورال سىستېمىسى سەپلەنگەن ئاپتوموبىلمۇ تۇنجى بولۇپ تاپشۇرۇلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 666 قېتىم كۆرۈلدى
24/01/2022 14:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق