شەرقىي تۈركىستاننىڭ قورغاس شەھىرىدە يۇقۇملانغۇچىلار بايقالدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ قورغاس شەھىرىدە ئىجرا قىلىنغان «ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش» جەريانىدا ئىككى كىشىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولۇپ چىققان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 23-يانۋار قورغاس شەھىرىدىكى خەلقنى ۋىرۇسقا قارىتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئىككى كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ئىككى كىشىگە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى، دەپ دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، ئۇلار قورغاس شەھىرىدىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا يۆتكەپ ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىشكە باشلىغان.

ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى قورغاس شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى كونتروللۇقنى كۈچەيتكەنلىكىنى، بىمار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارغا قارىتا مەركەزلىك ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش تەدبىرىنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋىرۇس بايقالغانلىق باھانىسى بىلەن، ئەسلىدىنلا قاتتىق كونتروللۇق ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان كونترول ۋە چەكلىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىنلىكىنى، خەلقنىڭ يېمەك-ئىچمەك، تىرىكچىلىك جەھەتتىن ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1239 قېتىم كۆرۈلدى
24/01/2022 14:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق