تەقلىدىي مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە تېخنىكا ئوغرىلاشتا داڭ چىقارغان خىتاي بۇ قېتىم خىتاي ماركىسى بولغان خوڭچى H9 تىپلىق ماشىنىسىنى BMW 7 گە ئوخشاش ياساپ چىقىپ، غۇلغۇلا قوزغىدى.
ساباھ تورىنىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىلگىرى خىتاي شىركەتلىرى لەمبورگىنىنىڭ Urus مودېلىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنىمۇ ياساپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم خوڭچى H9 مودېلى BMW 7 گە ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئوخشاش ئىكەن. ھازىرغا قەدەر خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھەر خىل مەھسۇلات ۋە ئۈسكۈنىلەرنى تەقلىد قىلىپ كەلگەنلىكى دۇنياغا ئاشكارا ئىش بولۇپ، ھەتتا بەزى مەھسۇلاتلار ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى، خىتايدا ئۇنىڭ ئوخشاش نۇسخىسى ئىشلەپچىقىرىلىپ سېتىلغان ئەھۋاللارمۇ بولغان.
خىتاي دۇنياۋى رىقابەتتە ئالدىغا چىقىشتا باشقىلارنىڭ ماركىلىرىنى كۆپەيتىش، ئازراقلا ئۆزگەرتىش بىلەن ئۇنىڭ ساختىسىنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى كۆپلەپ قوللانغان بولۇپ، بۇ قىلمىشى ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ھەتتا ماشىنا ئىشلەپچىقىرىشقىچە كېڭەيمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر