خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئەجەللىك زەربە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئەجەللىك زەربە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

خەۋەر يەتتە تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان يەمەندىكى خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بىرلەشمە قىسىم ھەربىي بازىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرى ئەلمەسىرە تېلېۋىزىيە قانىلىدا بايانات ئېلان قىلىپ، يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى نەجران ۋىلايىتىدە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىمغا تەۋە ھەربىي بازىغا قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدا ھەربىي بازىدىكى ھەربىي ھەرىكەت ئىشخانىسىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى، يەنە ھەربىي قوماندانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە يارىدار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
يەھيا سەرى باياناتىدا يەنە ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان مەزكۇر ھەربىي بازىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان-يەمەن چېگرا لىنىيەسىدىكى توقۇنۇشلاردا قوماندانلىق مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان جاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق سەئۇدى ئەرەبىستان بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇزۇندىن بېرى سىياسىي كىرىزىس داۋاملىشىۋاتقان يەمەندە ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان خۇسىيلار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قوللاپ كېلىۋاتقان يەمەن ھۆكۈمىتى قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش داۋاملىشىپ، نۇرغۇنلىغان خەلقنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

بۇ خەۋەر 2571 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2019 14:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق