خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى: ئولىمپىك كىيىملىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى يوق

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئەيىبلەشلەرگە تۇنجى قېتىم ئىنكاس قايتۇرۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەمىنلەنگەن كىيىم-كېچەكنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 19-يانۋار كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ،  بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللارغا تۇنجى قېتىم رەسمىي ئىنكاس قايتۇرغان ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن كىيىم-كېچەكنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلمايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى جېف مېركلېي، ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى جىم مىكگوۋېرن ۋە خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى توماس باخقا بىرلەشمە مەكتۇپ ئەۋەتىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان پاختىسىنى ئىشلىتىپ كىيىم-كېچەك ئىشلەيدىغان ئىككى خىتاي شىركىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

مەزكۇر ئىككى خىتاي شىركىتى ئەنتا تەنتەربىيەسى ۋە خېڭيۈەنشياڭ بولۇپ، بۇلار توكيو يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە پات يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بېكىتىلگەن كىيىم-كېچەك تەمىنلىگۈچىلەر ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى بۇ ئىككى خىتاي شىركىتىنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختىسىنى ئىشلىتىپ، ئامېرىكا يولغا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى ماركىلارنى ئۈچىنچى تەرەپ سالاھىيىتى بىلەن تەكشۈردى. مەزكۇر مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىدە ھېچقانداق مەجبۇرلاش، ئۆسۈملۈك قەرزگە باغلاش ياكى بالىلار ئەمگىكى بايقالمىدى» دېيىلگەن.

باياناتتا يەنە ئەنتا ۋە خېڭيۈەنشياڭ شىركىتىنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا رەسمىي ئولىمپىك كىيىم-كېچەكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا بەرگەن كاپالىتى ۋە چۈشەندۈرۈشى نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، خېڭ يۈەنشياڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلىتىلگەن پاختىنىڭ خىتايدىن كەلمەيدىغانلىقى ئېيتىلغان. ئەنتا شىركىتى يىغىۋېلىنغان ماتېرىياللارنى قوللىنىدىغانلىقىنى، پاختا ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان بايانلىرى ئىلگىرىكى بايانلىرىغا ماس كەلمىگەن بولۇپ، خىتاي رېجىمى بۇلتۇر بىر قىسىم دۆلەت ۋە خەلقئارالىق ماركىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان پاختىسىنى بايقۇت قىلىشىغا قارشى سىستېمىلىق قوزغىغان ئاتالمىش «بايقۇت ھەرىكىتى»دە ئەنتا شىركىتى ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىنى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان پاختىسىنى ئىزچىل سېتىۋېلىپ، ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمىز» دېگەنىدى.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، 19-يانۋار ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى قانۇن تەكلىپى سۇنۇپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدىن باشقا جايغا يۆتكەش توغرىسىدىكى چاقىرىقلارنى ئېتىبارغا ئالمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە كۆز يۇمغانلىقىنى، بۇنىڭ جازاسى سۈپىتىدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئامېرىكىدىكى باج كەچۈرۈمىگە ئېرىشىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 721 قېتىم كۆرۈلدى
22/01/2022 13:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق