ئىستانبۇلدا قۇرئان كەرىم ۋە ئانا تىل يەسلىسى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى قۇرئان كەرىم ۋە ئانا تىل يەسلىسى ئالدىنقى مەۋسۇملۇق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

20-يانۋار شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبە مەركىزىدە قۇرئان كەرىم ۋە ئاتا تىل يەسلىسىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئالدىنقى مەۋسۇم بۇلتۇر 13-سېنتەبىردىن باشلانغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 90 دىن ئاشقان.

ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا ئاتا-ئانىلارمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار بەش ئاي داۋامىدا ئۆگەنگەن بىلىم ۋە ماھارەتلىرىنى قىرائەت قىلىش، ۋەتەن، مىللەت، ئاتا-ئانىلار كۈيلەنگەن شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىش ئارقىلىق قاتناشقۇچىلار ئالدىدا نامايان قىلدى. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

مۇراسىم ئاخىرىدا ھەرقايسى بۆلۈم ئوقۇتقۇچىلىرىغا گۈل تەقدىم قىلىنغاندىن باشقا، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تەقدىم قىلىندى.

يەسلى مۇدىرى خۇرشىدە ئارتىش خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، يەسلىدە قۇرئان كەرىم، تەجۋىد، قائىدە، ئەدەپ-ئەخلاق، ئانا تىل، ئېلىپبە، مىللىي مەدەنىيەت قاتارلىق دەرسلەر بار بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى ۋە سەۋىيەسىگە ئاساسەن گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ ئۆتۈلىدىكەن. شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان تۈرلۈك ئويۇنلارمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغانىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1337 قېتىم كۆرۈلدى
21/01/2022 12:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق