فىرانسىيە پارلامېنتى مۇتلەق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتتى ۋە ماكرون ھۆكۈمىتىنى بۇ قارارغا ئاۋاز قوشۇشقا چاقىردى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيە پارلامېنتى بۈگۈن (20-يانۋار) 169 ئاۋازنىڭ قوللىشى، بىر ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، بەش ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى نەتىجىسىدە قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن.
فىرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئولىۋېر فور پارلامېنتتا مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. ئۇ خىتاي رېجىمىنى «بىر مىللەتنى كۈلتۈر ۋە بىيولوگىيەلىك جەھەتتىن يوقىتىشنى نىشان قىلغان رەھىمسىز ئاپپارات» دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە غەربنىڭ چوڭ شىركەتلىرى ۋە ماركىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى داۋاملىق ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
مەزكۇر تەكلىپتە فىرانسىيە پارلامېنتىدىن خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش، بۇ نۇقتا بويىچە خىتاينى ئەيىبلەش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداقلا فىرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتاينى ئەيىبلەش ۋە خىتايغا قاراتقان دىپلوماتىيە سىياسىتىدە زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەزكۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش تەلەپ قىلىنغان.
فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرانك رىستېر ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېمىلىق باستۇرۇش ۋە كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئىسپاتلارنى تىلغا ئالغان. ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى رەسمىي بېكىتىش مەسىلىسىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەس، بەلكى خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما فىرانسىيەنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەت، ئۇچرىشىشلىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە توختىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
بۇ خۇشاللىق قارار ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭ ئۇزۇندىن بۇيان فىرانسىيەدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى رەئىسى دىلنۇر رەيھان خانىم تىۋىتتىر ھېسابىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ: «مانا مۇشۇنچىلىك! غەلىبە قىلدۇق! فىرانسىيە ئۆز قىممەت قارىشىغا ئىگە چىقتى! ئۇيغۇر خەلقى سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ، سىلەرنى ئۇنتۇمايدۇ. ئالدى بىلەن خىزمەتداشلىرىمغا، سوتسىيالىستلار پارتىيەسىگە، ئىنسانپەرۋەر دوستىلىرىمغا ۋە گۇرۇپپىمىزدىكى يەرلىك ياشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ بىزنىڭ غەلىبىمىز!» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
17-يانۋار چۈشتىن كېيىن ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە فىرانسىيە پارلامېنتىدىكى سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ ھەمكارلىقىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، گۈلباھار خاتىۋاجى، گۈلباھار جېلىل، ئۆمەر بېكئالى ۋە قەلبىنۇر سىدىق قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرى گۇۋاھلىق بەرگەنىدى.
فىرانسىيە پارلامېنىتىنىڭ بۇ قارارنى ماقۇللىشىدا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دىلنۇر رەيھان خانىم قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرى ۋە تەشۋىقاتلىرىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ