خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى جازالاش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى سۇنۇلدى

ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە كۆز يۇمغان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئامېرىكىدىكى باج كەچۈرۈمىگە ئېرىشىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى سۇندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى مايك ۋالتىز بىلەن دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى جېننىفېر ۋېكستون 19-يانۋار بىرلىكتە «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقىنى تەكشۈرۈش قانۇن لايىھەسى»نى سۇنغان.

قانۇن لايىھەسىدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدىن باشقا جايغا يۆتكەش توغرىسىدىكى چاقىرىقلارنى ئېتىبارغا ئالمىغانلىقى، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە كۆز يۇمغانلىقى، بۇنىڭ جازاسى سۈپىتىدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئامېرىكىدىكى باج كەچۈرۈمىگە ئېرىشىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش كېرەكلىكى، ئۇلارنىڭ قىلمىشىنىڭ بىر ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تەشكىلاتىدا بولۇشقا شەرتلەرگە ماس كەلمەيدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا باج قانۇنىنىڭ ئالاقىدار ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تەشكىلاتى ياكى يەرلىك خىزمەتچىلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورگانلاردىن باج كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىمۇ بۇ تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇپ كەلگەنىكەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش قاتارلىق تۈرلۈك جىنايەتلىرى سەۋەبلىك، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئولىمپىك كومىتېتى يەنىلا قىشلىق ئولىمپىكنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش قارارىنى ئۆزگەرتمىگەن. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جون كوتېس شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۆز ھوقۇق دائىرىسىدە ئەمەسلىكىنى، ئولىمپىكقا ساھىبخانلىق قىلغان دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ۋە تەنقىدكە ئۇچرىغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 812 قېتىم كۆرۈلدى
20/01/2022 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق