رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىراننىڭ بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىران قوراللىق كۈچلىرى ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئەمەلدارى مۇستافا تاجولدىن خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ 21-يانۋار بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
تاجولدىننىڭ ئېيتىشىچە، «2022-يىللىق دېڭىز-ئوكيان بىخەتەرلىك بەلبېغى» ناملىق بىرلەشمە مانېۋىر ھىندى ئوكياننىڭ شىمالىي قىسمىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مەزكۇر مانېۋىر ئۈچ تەرەپ بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئۈچىنچى قېتىملىق بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ