ياۋروپادىكى كىچىك دۆلەت سىلوۋېنىيە تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇ خىتاي رېجىمىنى قاتتىق بىئارام قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سىلوۋېنىيە باش مىنىستىرى جانىز جانسا 17-يانۋار ھىندىستان تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تەيۋەننى خەلقئارالىق دېموكراتىك ئۆلچەم ۋە خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان دېموكراتىك دۆلەت دەپ ماختىغان ھەمدە سىلوۋېنىيەنىڭ تەيۋەن بىلەن ئۆزئارا سودا ۋاكالەتخانىسى قۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
جانىز جانسا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار ھەققىدە توختالمىغان. سىلوۋېنىيە لىتۋانىيەنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئەسلىدىكى «تەيبېي» دېگەن نامنىڭ ئورنىغا «تەيۋەن» نامىدا ۋاكالەتخانا قۇرۇپ قالسا، ئىلگىرىكى دىپلوماتىك ئادەتنى بۇزۇپ تاشلىغان بولىدىكەن.
جانىز جانسا تەيۋەن ۋاكالەتخانىسىنىڭ نامىنى چوڭ مەسىلە دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ لىتۋانىيەگە زىيادە ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەر قېتىم تەيۋەندە ۋاكالەتخانا قۇرغاندا، خىتاي دەرھال نارازىلىق بىلدۈرىدۇ، ئەمما بۇ قېتىمقىدەك قاتتىق ئۆچ ئېلىپ باقمىغان. 30 يىل ئىلگىرى مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن بىر كىچىك دۆلەتنى يېتىم قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق» دەپ تەكىتلىگەن.
سىلوۋېنىيەنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش پىلانى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن چارشەنبە كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، سىلوۋېنىيە رەھبىرىنىڭ ئاتالمىش «بىر خىتاي پىرىنسىپى»غا جەڭ ئېلان قىلىپ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى، خىتاي تەرەپنىڭ بۇ سۆزلەردىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ۋە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جاۋ لىجيەن سۆزىدە دۇنيادا پەقەت بىرلا خىتاي بارلىقىنى، تەيۋەن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان ۋە: «ھېچكىم خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىرادىسى ۋە كۈچلۈك ئىقتىدارىنى تۆۋەن مۆلچەرلىمەسلىكى كېرەك» دەپ تەھدىت سالغان.
18-يانۋار تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئاۋ جاڭئەن بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، جانىز جانسانىڭ پىكىرلىرىنى ماختىغان ۋە رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.
لىتۋانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا ۋە كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار بولسىمۇ، ئەمما خەلق سايلىغان تەيۋەن ھۆكۈمىتى بىلەن سودا ۋە غەيرىي رەسمىي مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ