خىتاينىڭ ھىمالايادىكى كېڭەيمىچىلىكى بۇتان چېگراسىغىچە يېتىپ باردى

خىتاي رېجىمى ھىمالايا چېگراسىدا قۇرۇپ چىقىۋاتقان كەنت ۋە ئولتۇراق رايونلىرى بۇتاننىڭ تالاش-تارتىشتىكى زېمىنىغىچە كېڭەيگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەركىزى ئىسرائىلىيەگە جايلاشقان ئىستىخبارات تەتقىقات ئورگىنى «ئىنتىل تەجرىبىخانىسى»نىڭ مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندا ئولتۇراق رايونلارنى قۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ 2020-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا باشلانغانلىقى، 2021-يىلى يىل بويى قۇرۇلۇش سۈرئەتنى تېزلەتكەنلىكى، مەزكۇر قۇرۇلۇشلارنىڭنىڭ پۈتۈنلەي ياغاچ ماتېرىياللىرى بىلەن سېلىنغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىغان. خىتاي قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان بۇ يەر تالاش-تارتىشتىكى رايونغا ياكى بۇتاننىڭ زېمىنىغا جايلاشقان بولۇپ، ئادەمسىز، چەت رايون ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي قۇرغان ئولتۇراق رايون دوڭلام ئېگىزلىكىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، 2017-يىلى ھىندىستان بىلەن خىتاي بۇ يەردە جىددىي تىركەشكەن. مەزكۇر توقۇنۇش ھىندىستان ئەسكەرلىرى خىتاينىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىنى توسىماقچى بولغانلىقى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان. مەزكۇر ئېگىزلىك ھىندىستان، بۇتان ۋە تىبەت چېگراسىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بۇ كارىدورنىڭ شىمالىي رايونىدا ئاساسەن ئادەم يوق ئىكەن. گەرچە بۇ ئەھۋال ھىندىستاننىڭ قاتتىق دىققىتىنى تارتقان بولسىمۇ، بىراق ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.

ھىندىستان بىلەن چېگرا تالاش-تارتىشى بولغىنىغا ئوخشاش، خىتاينىڭ بۇتان بىلەن بولغان 477 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چېگرا سىزىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ئەڭ يېڭى قۇرۇلۇش ھەرىكىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىكتە ئىگىلىك ھوقۇقنى مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ زېمىن تالاش-تارتىشىدا خىتاينى ئەۋزەل ئورۇنغا ئىگە قىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۆز ھەربىي كۈچىنى مەلۇم ئەۋزەللىككە ئېرىشتۈرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلارنى ئىگىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇتاننىڭ ئارانلا 800 مىڭ نوپۇسى بار بولۇپ، ئۆز چېگراسىدىكى مەسىلىلەرنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى يوق ئىكەن. بۇتان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ چېگراسىغا ئولتۇراق رايون سېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولۇپ، بۇتاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «بۇتاننىڭ سىياسىتى بولسا چېگرا مەسىلىسىنى ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىمەسلىك» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن 30 يىلدا ئىككى تەرەپنىڭ چېگرا تالاش-تارتىشى مەسىلىسىدە ھېچقانداق ياخشىلىنىش كۆرۈلمىگەن. خىتاي بۇلتۇر بۇتان بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، چېگرا ماجىراسىنى ھەل قىلىشنى تېزلەتكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 604 قېتىم كۆرۈلدى
20/01/2022 11:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق