مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى سودىسى خەلقئارالىق سودا سۇپىلىرىغىچە كېڭەيدى

خىتاي رېجىمى يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەت ئەلگە توشۇشنى داۋاملىق كېڭەيتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىمۇ رەسمىي يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 12-يانۋار بىر تۈركۈم (46 مىڭ دانە) ئېكسپورت تاۋارلىرى تورغات پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ تاۋارلار ۋېنگىرىيەنىڭ بۇداپېشتتىكى مەملىكەت سىرتى ئامبىرىغا توشۇلۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھەم تەقسىملەپ يەتكۈزۈش تاماملىنىدىكەن. بۇ شەرقىي تۈركىستاندىن چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق چەت ئەلگە يەتكۈزۈلگەن تۇنجى تۈركۈم ئېكسپورت ماللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ تۈركۈم ماللارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا دۇكاندارلىرى خەلقئارادىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى ئارقىلىق ياۋروپاغا ساتقان تاۋارلار بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى بىر مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن. بۇ ماللار كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت، ئويۇنچۇق، بايراملىق زىننەت بۇيۇملىرى، كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق تاۋارلارغا چېتىلىدىكەن.

قەشقەردىكى مەلۇم سودا شىركىتىنىڭ ئەمەلدارى بۇ ھەقتە توختىلىپ، مەزكۇر ماللارنىڭ 15 كۈن ئەتراپىدا بۇداپېشتقا يېتىپ بارىدىغانلىقىنى، شىركىتىنىڭ ئەنگلىيە، بېلگىيە، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىل قىممىتى بىر مىليارد يۈەن ئەتراپىدىكى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورت ماللىرىنى ماڭدۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، خۇسۇسەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى سەۋەبلىك، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ جازا يۈرگۈزۈشىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ۋە چەت ئەلگە تۈرلۈك لىنىيەلەر ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىش سالمىقىنى بارغانسېرى ئاشۇرماقتا. نۆۋەتتە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى سودىسىنىڭ خەلقئارالىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىغىچە كېڭىيىشى، يەنە كېلىپ بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بۇ سودىدىن نەپ ئېلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

 

 تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1277 قېتىم كۆرۈلدى
19/01/2022 14:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق