خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا قاتناشقۇچىلار ئۈچۈن يېڭى بىر ئەپ ياساپ چىققان بولۇپ، مەزكۇر ئەپ دېتالىنىڭ ئۇيغۇرچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل تىللاردىكى مىڭلىغان سەزگۈر سۆزلەرنى تەكشۈرەلەيدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بارلىق شەخسلەرنىڭ سالامەتلىك ئۇچۇرىنى خاتىرىلەش تەلەپ قىلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن «MY2022» ناملىق ئەپ دېتالىنى ياساپ چىققان بولۇپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى خاتىرىلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما بۇ ھەقتىكى بىخەتەرلىك تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئەپ دېتالىدا ئېغىر دەرىجىدە يوشۇرۇن بىخەتەرلىك خەۋپى مەۋجۇت ئىكەن.
بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇچىلاردىن ساغلاملىق ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىگە ئاساسەن «MY2022» ناملىق ئەپ دېتالىنى ئورنىتىش تەلەپ قىلىنغان. تور بىخەتەرلىك دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئەپ دېتالىدىكى شىفىرلاش ئۇسۇلى مۇكەممەل ئەمەس بولۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرى، ژۇرنالىستلار ۋە دىپلوماتلار خاككېرلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىشى، مەخپىي ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلىنىشى ياكى ھەرىكىتى نازارەت قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇندىن باشقا ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرى بۇ دېتالنىڭ ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى بارلىقىنى بايقىغان. مەزكۇر ئەپ دېتالىدا «قانۇنسىز سۆزلەر» دېگەن بىر تېكىست ھۆججىتى بايقالغان بولۇپ، مەزكۇر ھۆججەتكە 2442 تال ھالقىلىق سۆز كىرگۈزۈلگەن . بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتايچە سۆزلەر بولغاندىن سىرت، يەنە بىر قىسىم ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە، تىبەتچە سۆزلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇلار ئاساسلىقى خىتاي چەكلەپ كېلىۋاتقان سەزگۈر سىياسىي تېمىلار بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئەمەلدارلىرىنى تەنقىد قىلىش، تىيەنئەنمېن ۋەقەسى، دالاي لاما، ئۇيغۇرلار، فالۇنگۇڭ دېگەندەك سۆزلەر تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنغان. ھەتتا ئۇيغۇرچە يېزىلغان «قۇرئان» دېگەن سۆزمۇ بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان. مەزكۇر ئەپ دېتالىنىڭ يەنە مەلۇم قىلىش ئىقتىدارى بار بولۇپ، سەزگۈر تېمىدا سۆز قىلغان ئىشلەتكۈچىلەرنى دەرھال بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلغىلى بولىدىكەن.
بۇندىن ئىلگىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى مەزگىلىدىكى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە ئەندىشىلەر خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا كۈنتەرتىپكە كەلگەنىدى. خىتاينىڭ جاسۇسلۇق مەسىلىسىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنگلىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەنھەرىكەتچىلىرى ۋە ئولىمپىك كومىتېتى ئەزالىرىدىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش جەريانىدا شەخسىي يانفون ۋە كومپيۇتېرلىرىنى ئۆيدە قالدۇرۇپ قويۇپ، ئالاھىدە بىخەتەر ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ