تۈركىيەگە جايلاشقان خەلقئارا مېدىيا جەمئىيىتى «10-يانۋار ژۇرنالىستلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈنۈگۈن نەمۇنىلىك ژۇرنالىستلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى (ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى) رەئىسى ئابدۇلۋارىس خوتەن ئەپەندىمۇ بۇ قاتاردا مۇكاپاتلاندى.
ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مۇراسىمغا كۆپلىگەن خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ژۇرنالىستلار، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى (ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى) ۋەكىللىرى تەكلىپكە بىنائەن ئىشتىراك قىلدى.
مۇراسىمدا خەلقئارا مېدىيا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەتىن تۇران ئەپەندى جەمئىيەتنىڭ تەسىس قىلىشنىڭ مەقسىتى ۋە بۇ قېتىملىق يىغىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئارقىدىن TRT ئەرەبچە، BBC ئەرەبچە، ۋەتەن، شەرق قاتارلىق داڭلىق قاناللارنىڭ، شۇنداقلا ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ئەرەبچە بۆلۈمى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بىر قىسىم ژۇرنالىستلىرى مۇكاپاتلاندى. شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتىنىڭ (ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى) رەئىسى ئابدۇلۋارىس خوتەن ئەپەندىمۇ ئىستىقلال ئەرەبچە بۆلۈمىنىڭ (وكالة أنباء تركستان الشرقية) كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى سەۋەبلىك، نەمۇنىلىك ژۇرنالىستلار قاتاردا مۇكاپاتلاندى.
مۇكاپاتنى ئابدۇلۋارىس ئەپەندىگە ۋاكالىتەن ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ تۈركچە بۆلۈم مەسئۇلى مۇھەممەد ئەلى ئاتايۇرت تاپشۇرۇۋالدى ۋە قىسقىچە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ نۆۋەتتە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان 35 مىليون خەلقنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى ۋە بۇ مۇكاپاتقا لايىق دەپ قارالغانلىقىدىن شەرەپ ھېس قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى خەلقئاراغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا مېدىيا جەمئىيىتى ئاساسلىقى ئەرەب تىلىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە تۈركىيەدە قۇرۇلغان تەشكىلات بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتىمۇ بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم